بېرمادىكى توقۇنۇش كەسكىنلىشىپ خىتايغا تەسىر كۆرسەتتى

بېرمانىڭ شىمالىدىكى ھەربىي توقۇنۇش بارغانسېرى كەسكىنلەشكەن بولۇپ، بۇ بېرمانىڭ بۆلۈنۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بېرما رەئىسى مۇن مىينت  ( Moon Myint) 9-نويابىر ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر ھۆكۈمەت ئارمىيەسى خىتاي بىلەن بولغان چېگرانىڭ شىمالىدىكى مىللىي قوراللىق گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشنى بېسىقتۇرالمىسا، بېرمىدا بۆلۈنۈش خەۋپى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ يىل ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، بېرمانىڭ شىمالىدىكى شەن ئۆلكىسى رايونلىرىدىكى خىتاي چېگراسىغا يېقىن جايلاردا ھەربىي توقۇنۇشلار كەسكىنلەشكەن. بېرما ھۆكۈمەت ئارمىيەسىگە ھۇجۇم قوزغىغان مىللىي قوراللىق تەشكىلات كاچىن مۇستەقىللىق ئارمىيەسى ئون نەچچە كىشىنى قولغا ئالغان. ھۆكۈمەت ھەربىي ئورۇنلىرى ۋە بەزى يوللارنى قولغا چۈشۈرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن بېرما ئارمىيەسى زەمبىرەك بىلەن ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، زەمبىرەك ئوقى خىتاي تەرىپىگە چۈشۈپ بىر خىتاي ئۆلۈپ، بىر قانچىسى يارىلانغان. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بۇ توقۇنۇش سەۋەبلىك كەم دېگەندە 23 مىڭ كىشىنىڭ رايوندىن قېچىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان.

بېرما ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ئالدىنقى ھەپتە ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە خىتاي بىلەن چېگرالانغان چىنرېخو شەھىرىنى قولدىن بېرىپ قويغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان بولۇپ، بۇ رايون نېفىت ۋە تەبىئىي گازنى خىتايغا توشۇيدىغان تۇرۇبا لىنىيەسى، شۇنداقلا پىلانلانغان تۆمۈر يول لىنىيەسى جايلاشقان ئورۇن بولۇپ، خىتاينىڭ ئاتالمىش «بىر بەلباغ، بىر يول» ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن سەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ بېرمادىكى قوراللىق توقۇنۇشنىڭ كۈچىيىشى ۋە خىتاي پۇقرالىرىغا ئېلىپ كەلگەن تالاپەتكە نارازى ئىكەنلىكىنى، بېرمانىڭ شىمالىدىكى توقۇنۇشقا قاتناشقان ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ دەرھال ئۇرۇش توختىتىشىنى يەنە بىر قېتىم تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2094 قېتىم كۆرۈلدى
10/11/2023 14:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق