خىتاي ئەلچىخانىسى ئەنگلىيە بىلەن ياپونىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى

خىتاينىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئەنگلىيە بىلەن ياپونىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدىكى باياناتىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

سىدنېي كۈندىلىك خەۋەرلىرى تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيە بىلەن ياپونىيەنىڭ تاشىقى ئىشلار ۋەزىرلىرى ۋە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرلىرى 7-نويابىر 5-قېتىملىق «2+2» سۆھبىتى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، يىغىندىن كېيىن قوشما بايانات ئېلان قىلىپ، تەيۋەن، شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، خوڭكوڭ، جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئالاقىدار مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن. باياناتتا يەنە خىتايغا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىنى توختىتىشقا چاقىرىش ھەققىدە مۇراجىئەت قىلىنغان.

خىتاي خەلق تورىنىڭ 9-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بۇ ھەقتە نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «تەيۋەن، شىنجاڭ، شىزاڭ، خوڭكوڭنىڭ ئىشلىرى پۈتۈنلەي خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى، ئەنگلىيە، ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقانداق چەت ئەل دۆلەتلىرىنىڭ قالايمىقان گەپ قىلىش سالاھىيىتى يوق» دەپ بىلجىرلىغان.

باياناتچى يەنە خىتاينىڭ شەرقىي دېڭىز، جەنۇبىي دېڭىزدا مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە دېڭىز-ئوكيان ھوقۇق-مەنپەئەتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنى قەتئىي قوغدايدىغانلىقىنى، ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە، خىتاينىڭ باشتىن-ئاخىر تىنچلىق تەرەپتە تۇرۇپ، يارىشىش ۋە سۆھبەتلىشىشكە پائال دەۋەت قىلىپ كەلگەنلىكىنى دەۋا قىلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2052 قېتىم كۆرۈلدى
10/11/2023 14:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق