خىتاينىڭ بىر بېلىقچىلىق كېمىسى تەيۋەن دېڭىز رايونىدا چېگرادىن ھالقىپ ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، بىراق تەكشۈرۈشنى رەت قىلغان بولۇپ، تەيۋەن تەيچۇڭ دېڭىز قىرغىقى چارلاش ئەترىتى كېمىدىكى 13 خىتاينى قولغا ئالدى.
تەيۋەن خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 8-نويابىر تەيچۇڭ دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى تۇڭشياۋغا 20 ئىنگلىز مىلى كېلىدىغان دېڭىز رايونىدا قانۇنسىز چېگرادىن ئۆتكەن خىتاينىڭ بىر بېلىقچىلىق كېمىسىنى بايقىغان. ئەمما مەزكۇر خىتاي بېلىقچىلىق كېمىسى قانۇنسىزلىق قىلغان بولۇشىغا قارىماي، تەكشۈرۈشنى رەت قىلىپ قېچىشقا ئۇرۇنغان. ۋەقەدىن كېيىن تەيۋەن دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى ئۇلارنى قوغلاپ تۇتۇپ، پاراخوتقا چىقىپ تەكشۈرگەن ۋە 250 كىلوگىرام قانۇنسىز تۇتۇلغان بېلىقنىڭ ھەممىسىنى دېڭىزغا قويۇپ بېرىپ، پاراخوتتىكى 13 خىتاينى تەيچۇڭ پورتىغا يالاپ ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرگەن.
دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى 9-نويابىر بايانات ئارقىلىق مەزكۇر ئەھۋالنى تەپسىلىي ئاشكارىلىغان بولۇپ، باياناتتا دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ بېلىقچىلار پاراخوتىغا چىقىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق پاراخوت كاپىتانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 13 خىتاي پۇقراسىنى تۇتقانلىقىنى، مىنخۈي بېلىقچىلىق كېمىسىنىڭ قانۇنسىز چېگرا ھالقىغانلىقىنىڭ پاكىتى ئېنىق بولغانلىقىنى، تەيۋەن بىلەن خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت نىزامىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى سەۋەبلىك، مەزكۇر پاراخوتتىكى كاپىتان ۋە پاراخوت خادىملىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ تەيۋەن تەيچۇڭ پورتى دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت بازىسىغا ئېلىپ بېرىلىپ تەكشۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ