كانادا ZARA نىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى تەكشۈرمەكتە

كانادا نازارەت ئورگىنى دۇنياغا داڭلىق كىيىم-كېچەك شىركىتى ZARA نىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى تەكشۈرمەكتە.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 7-نويابىر كانادا كارخانىلارنى تەكشۈرۈش مەسئۇلىيەت ئورگىنى ZARA شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى تەكشۈرۈشنىڭ دەسلەپكى نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان. ZARA شىركىتى ھەققىدىكى تەكشۈرۈش ئۆتكەن يىلى 6-ئايدا 28 ئاممىۋىت تەشكىلاتنىڭ شىركەت ئۈستىدىن قىلغان ئەرز-شىكايەتلىرى سەۋەبلىك باشلانغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، كانادا مەسئۇلىيەت نازارەت ئورگىنى كانادا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، چەت ئەلدە كىيىم-كېچەك، كانچىلىق، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز قاتارلىق ساھەلەردە تىجارەت قىلىۋاتقان كانادا شىركەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق ماجىرالىرىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ئورگان ئىكەن.

خەلق تەشكىلاتلىرى سۇنغان ئەرزدە ZARA نىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى، ZARA نىڭ خىتاينىڭ ئۈچ شىركىتى بىلەن تەمىنلەش مۇناسىۋىتى بارلىقى، مەزكۇر شىركەتلەرنىڭ بولسا خىتاي رېجىمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى (ASPI) ۋە ھېلېنا كېنېدى خەلقئارا ئەدلىيە مەركىزىنىڭ (HKCIJ) دوكلاتىمۇ بۇ ئەيىبلەشنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.

ZARA ۋە ئۇنىڭ ئانا شىركىتى Inditex بۇ ئەيىبلەشنى رەت قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زاۋۇتلار بىلەن سودا مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ZARA نارازىلىق ئەرزىدە مەزكۇر ئورگاننىڭ تەكشۈرۈش ھوقۇقى يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، شىركەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى، ئالاقىدار دوكلاتتىكى ئەيىبلەشلەرنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوقلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئىگىلىنىشىچە بۇ دېلو كانادا ئورگانلىرى تەرىپىدىن داۋاملىق تەكشۈرۈلمەكتىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1597 قېتىم كۆرۈلدى
10/11/2023 11:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق