خىتاينىڭ خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى قالايمىقانچىلىق پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشىنى توسۇشنىڭ بىر نەچچە تۈرلۈك يولى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
8-نويابىر تاشقى ئىشلار تورىدا «خىتاينىڭ تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشىنى توسۇشنىڭ توغرا يولى» سەرلەۋھەلىك ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قارىتا چوقۇم ئەتراپلىق تەھدىت سېلىش ئىستراتېگىيەسىنى قوللىنىپ، خىتاينىڭ تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلىشى ياكى قامال قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكى، گەرچە ھەربىي ئىقتىدار مۇھىم بولسىمۇ، ئەمما چەكلەشتە سىياسىي ۋە پىسخولوگىيەلىك قايىل قىلىش تەدبىرى بولۇشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.
ماقالىدە ئامېرىكا خىتاينى تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشتىن چەكلىمەكچى بولىدىكەن، چوقۇم تەيۋەننى ئېنىق ۋە قەتئىي قوللايدىغانلىقى ھەققىدە سىگنال بېرىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشى كېرەك ئىكەنلىكى، ئۇندىن باشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىدىغان سىياسىي مانېۋىردىن ساقلىنىپ، تەيۋەننىڭ بىخەتەرلىكىنى قوللايدىغان تېخىمۇ كۈچلۈك خەلقئارالىق ئىتتىپاق قۇرۇپ چىقىشى كېرەكلىكى، خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن داۋاملىق ئۇچرىشىش قاتارلىق تىرىشچانلىقلار بىلەن ئالاقە يوللىرىنى ساقلاپ، خىتاينىڭ چوتنى خاتا سوقۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.
ئۇندىن باشقا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە خىتاي رېجىمىنىڭ ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە بەرگەن ۋەدىسىنىڭ ئاجىزلىغانلىقىغا بولغان گۇمانىنى يوقىتىشى، تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىماسلىق ۋە تەيبېي بىلەن بېيجىڭ ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق سۆھبىتىنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق ھازىرقى ۋەدىسىنى تېخىمۇ ياخشى ئېتىراپ قىلىش ئارقىلىق خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىنى ئاستىلىتىش ئۈچۈن رىغبەتلەندۈرۈشى كېرەكلىكى، گەرچە ئامېرىكا ئاتالمىش «بىر خىتاي» سىياسىتىدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇشى كېرەك بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنە ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى يېڭى تەرەققىياتلارغا جانلىق ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىنغان ۋە بۇنىڭدىكى مەقسەتنىڭ خىتاينىڭ تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلىشىنى كېچىكتۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىدىن ئالىدىغان مەنپەئەتىنى قوغداش ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ