رۇسىيە ھۆكۈمىتى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ يەنە بىر سوتچىسىغا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى.
تەيۋەن خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە 8-نويابىر خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ بىر سوتچىسىنى تۇتۇشقا تېگىشلىك كىشىلەر تىزىملىكىگە قوشقانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، مەزكۇر خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتچىسى ئىلگىرى رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننى ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغانلىقى سەۋەبلىك قولغا ئېلىشنى تەلەپ قىلغانىدى.
رۇسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىر ئۇقتۇرۇشىدا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ كوستارىكالىق سوتچىسى سېرگىيو گېرارد ئۇگالدو گودىنېز تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭغا جىنايى ئىشلار تەكشۈرۈش بويىچە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان. ئەمما ئۇقتۇرۇشتا گودىنېزنىڭ ئەيىبلىنىشىگە ئائىت تەپسىلاتلار بېرىلمىگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى بۇ يىل مارت ئېيىدا پۇتىننى ئۇكرائىنالىق بالىلارنى رۇسىيەگە قانۇنسىز يۆتكەش ۋە ئۇرۇش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقارغان. رۇسىيە خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ ئەزاسى بولمىغانلىقى سەۋەبلىك، سوتنىڭ پۇتىننى تۇتۇش بۇيرۇقىنىڭ ئىناۋەتسىزلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەمما خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ قولغا ئېلىش بۇيرۇقى رۇسىيە رەھبەرلىرىنىڭ چەت ئەلگە چىقىشىنى چەكلەيدىغان بولۇپ، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە ئەزا دۆلەتلەر سوتنىڭ تۇتۇش بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلالايدىكەن. شۇڭلاشقا پۇتىن بۇ يىل 8-ئايدا جەنۇبىي ئافرىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشمىغان، شۇنداقلا 9-ئايدا ھىندىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغىمۇ قاتناشمىغانىدى.
رۇسىيە ئىلگىرى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، خەلقئارا سوتنىڭ باش تەپتىشى كەرىم خان، سوتچى روسارىئو سالۋاتور ئايتالا ۋە سوتچى توموكو ئاكانېغا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغانىدى. ئۇندىن باشقا رۇسىيە يەنە بۇ يىل 9-ئايدا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ رەئىسى پىيوتىر خوفمانسكىنى قولغا ئالماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ