ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا خىتايغا قارشى قانۇن لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى خىتاينىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىرانغا قاراتقان جازادىن قېچىشىغا قارشى تۇرۇش قانۇن لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 8-نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئالىي ئەمەلدارى جىم رىچ  ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو 7-نويابىر «ئىراننىڭ تېررورلۇق ھەرىكىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش قانۇن لايىھەسى» نى ئوتتۇرىغا قويغان. قانۇن لايىھەسىدە خىتايغا قارشى ئىستراتېگىيەسى تۈزۈپ چىقىپ، خىتاينىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىرانغا يۈرگۈزگەن جازالاردىن ئۆزىنى قاچۇرىشىنى توسۇشقا كاپالەت قىلىش تەلەپ قىلىنغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ قانۇن لايىھەسى پىرېزىدېنتتىن ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قويغان نېفىت مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشنى چەكلەش جازاسىغا خىلاپلىق قىلغان ئورۇنلارغا جازا يۈرگۈزۈشنى قارار قىلىشنى، خىتاينىڭ ئىراننىڭ نېفىت مەھسۇلاتلىرىنى ئەتكەس قىلىشتىكى بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك رولىنى باھالاشنى، ئىراندىن نېفىت مەھسۇلاتلىرىنى ئەتكەس قىلغۇچىلارغا جازا يۈرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ قانۇن لايىھەسى پىرېزىدېنتتىن ئىران ئىسلام ئىنقىلابى قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى رولى، ئىراندىن كەلگەن نېفىت مەھسۇلاتلىرى ئەتكەسچىلىكىنىڭ دۇنيا ئېنېرگىيە بازىرىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى باھالاشنى تەلەپ قىلىدىكەن.

بۇ قانۇن لايىھەسىدە يەنە نېفىت ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇنلارنى ئېنىقلاش، ئىراننىڭ نېفىت مەھسۇلاتلىرى ئەتكەسچىلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، دېڭىز-ئوكيان رايونلىرىنى نازارەت قىلىش، زۆرۈر تېپىلغاندا ئامېرىكىنىڭ جازاسىغا خىلاپلىق قىلغان شىركەتلەرنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى تۇتۇپ قېلىپ بىر تەرەپ قىلىش تەپسىلىي پىلانىنى تۈزۈپ چىقىش تەلەپ قىلىنغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1710 قېتىم كۆرۈلدى
09/11/2023 12:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق