ئاتۇشنىڭ قاراجول يېزىسىدا كۈچلۈك يەر تەۋرىدى

بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاتۇش شەھىرى قاراجول يېزىسىدا 5.4 بال يەر تەۋرىگەن.

خىتاي يەر تەۋرەشتىن مەلۇمات بېرىش تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 8-نويابىر ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 00:09 دا ئاتۇش شەھىرى قاراجول يېزىسىدا (شىمالىي كەڭلىك 40.47 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 77.72 گىرادۇس) 5.4 بال يەر تەۋرىگەن. تەۋرەش مەركىزى چوڭقۇرلۇقىنىڭ 10 كىلومېتىر ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

خەۋەر قىلىنىشىچە، 8-نويابىر ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 09:30 گىچە بولغان ئارىلىقتا يەنە ئىككى قېتىم 4.3 بال، بىر قېتىم 3.3 بال ۋە بىر قېتىم 3.2 بال قالدۇق يەر تەۋرىگەن.

خىتاي رېجىمى ئىلگىرىكىدەكلا ئاپەت ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3075 قېتىم كۆرۈلدى
08/11/2023 16:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق