خىتاي يېقىنقى مەزگىللەردە شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش رەزىل پىلانى بويىچە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان «شىنجاڭ ياخشى جاي» نامىدىكى ساختا تەشۋىقاتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىم قازاقىستان، ئۆزبېكىستاندا ناخشا-ئۇسسۇل، شېئىر، سۈرەت شەكلىدىكى چوڭ تىپلىق تىياتىر «شىنجاڭ ياخشى جاي» ناملىق ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈشنى باشلىغان.
تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى قازاقىستان، ئۆزبېكىستاندا 11-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان ناخشا-ئۇسسۇل، شېئىر، سۈرەت شەكلىدىكى چوڭ تىپلىق تىياتىر «شىنجاڭ ياخشى جاي» ناملىق ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكىنى باشلىغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي رېجىمى بۇ قېتىملىق كۆز بويامچىلىق ھەرىكىتىگە يۈزگە يېقىن ئارتىسنى ئاتلاندۇرغان بولۇپ، ئاتالمىش «شىنجاڭ ياخشى جاي» ناملىق ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى «تىيانشاندىكى لەرزان ئۇسسۇل»، «يېڭى يىپەك يولىدىكى ناخشا ساداسى»، «كوئېنلوندىكى مۇھەببەت سىمفونىيەسى» دېگەندەك ئۈچ بۆلەككە بۆلۈنگەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر مۇقاملىرى، موڭغۇللارنىڭ قەھرىمانلىق ئېپوسى «جاڭغىر»، قىرغىزلارنىڭ قەھرىمانلىق ئېپوسى «ماناس»، قازاق مىللىتىنىڭ قارا جورغا ئۇسسۇلى قاتارلىقلار بار ئىكەن. خىتاي بۇ قېتىمقى يالغان تەشۋىقات پائالىيىتىدە يەنە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەقىقىي ۋەزىيىتىگە پۈتۈنلەي زىت بولغان «فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى» ئۆتكۈزۈلۈش ئارقىلىق، قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستان خەلقنىڭ كۆزىنى بويىماقچى بولغان.
خىتاي رېجىمى بۇ خىلدىكى ساختا تەشۋىقاتلىرىنى نۆۋەتتە خەلقئارادا كۈنتەرتىپكە كېلىۋاتقان خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش جىنايىتىگە قارشى سادالارنى ئۆچۈرۈش ۋە ئۆز جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز كۈچەيتمەكتە ۋە دائىرىسىنى كېڭەيتمەكتە. شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاندا باستۇرۇش، ھەر خىل باھانىلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىش قاتارلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى داۋاملىق ئىجرا قىلماقتا.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ