خىتاي شەخسىي كارخانىلار ئارقىلىق يادرو ماتېرىياللىرىنى ئىمپورت قىلغان

خىتاي رېجىمىنىڭ خۇسۇسىي كارخانىلار ئارقىلىق يادرو قوراللىرىنى ياساشتا ئىشلىتىلىدىغان ئىلغار ئۈسكۈنىلەرنى ئىمپورت قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

تەيۋەن رادىيوسىنىڭ 7-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا بىلەن خىتاي تېخنىكا ئۇرۇشىنىڭ كەسكىنلىشىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي ئىلغار ئۆزەكلەرنى ئىمپورت قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەپلا قالماي، مېخانىكىنىڭ مەنبەسى دەپ ئاتالغان ئۈسكۈنىلەر خىتاينىڭ سېتىۋېلىش نىشانىغا ئايلانغان.

نىككې ئاسىيا تورىنىڭ تەكشۈرۈپ بايقىشىچە، خىتاينىڭ ھەربىي سانائەت ئورگانلىرى ئامېرىكىنىڭ ئېكسپورت قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن بولسىمۇ، بىراق خىتاي يەنىلا ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى قول خۇسۇسىي كارخانىلار ئارقىلىق، ياپونىيە، گېرمانىيە ۋە تەيۋەنگە ئوخشاش دۆلەتلەر ئېكسپورت قىلغان ئىلغار، يۇقىرى ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەرنى ئىمپورت قىلغان.

نىككې ئاسىيانىڭ تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئالدىنقى قاتاردىكى ماشىنا ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئورنى خىتاينىڭ يادرو تەرەققىيات پىلانىغا باغلانغان بولۇپ، خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنى تەشۋىق قىلىدىغان رەسمىي سىنلاردا مەزكۇر ئۈسكۈنىلەرگە مۇناسىۋەتلىك تېخنىك خادىم تونۇشتۇرۇلغان.

بۇ ئورۇن ئاساسلىق خىتاينىڭ يادرو قوراللىرى تەتقىقات ئورگىنى بولغان خىتاي قۇرۇلۇش فىزىكا ئاكادېمىيەسى (CAEP) بىلەن مۇناسىۋىتى بار بولۇپ، سىندا پىششىقلاپ ئىشلەش ئىقتىدارى ۋە بۇ ئورۇندا يادروغا ئىشلىتىلىدىغان مۇھىم زاپچاسلارنى پىششىقلاپ ئىشلەش ۋاقتىنىڭ كۆرۈنەرلىك قىسقارتىلغانلىقى تونۇشتۇرۇلغان. مەزكۇر ئورۇندا گېرمانىيە ( DMG Mori) نىڭ (DMU 60 monoBlock) بەش ئوقلۇق پىششىقلاپ ئىشلەش ماشىنىسى بايقالغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1619 قېتىم كۆرۈلدى
08/11/2023 13:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق