خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى زىددىيەتنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي ئامېرىكىغا قارىتا سىيرەك توپا ئېكسپورت چەكلىمىسىنى كۈچەيتتى.
نېككې ئاسىيا تورىنىڭ 7-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي سىيرەك توپا ئېكسپورتىغا بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتاي بۇندىن كېيىن خىتايدىن سىيرەك توپا ئېكسپورت قىلغۇچى شىركەتلەردىن سىيرەك توپىنى ئىشلەتكەن ئورۇن ياكى ساتقان ئورۇنلار ھەققىدە دوكلات بېرىشنى تەلەپ قىلىدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي يەرشارىدا ئاز ئۇچرايدىغان سىيرەك توپا ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدە، ەىخخەلقئارادا ئىشلەپچىقىرىلغان سىيرەك توپنىڭ %70 گە ئىگە بولۇپ، بۇ سىيرەك توپا ئېلېكتىرلىك ماشىنا ۋە بىر قىسىم قوراللارنى ياساشتا ئىنتايىن مۇھىم ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ. خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى بۇ ئاي ئىچىدە خىتاي رېجىمى رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن ئوتتۇرىسىدا پىلانلانغان باشلىقلار يىغىنىدىن ئىلگىرى تۈزۈپ چىققان سۆھبەت تاكتىكىسى دەپ قارالغان.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكا خىتايغا يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ۋە ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئېكسپورت چەكلىمىسىنى چىڭىتقان بولۇپ، بۇ سەۋەبلىك ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى جىددىيلەشكەن. ئەمما ئىككى تەرەپ پىرىنسىپ جەھەتتىن بۇ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بايدېن بىلەن شى جىنپىڭ يۈزتۇرانە كۆرۈشۈشكە قوشۇلغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ