رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن يېڭى قانۇنغا ئىمزا قويۇپ، «يادرو سىنىقىنى ئومۇميۈزلۈك مەنئى قىلىش شەرتنامىسى»نى تەستىقلاشنى ئەمەلدىن قالدۇردى.
نىككى تورىنىڭ 6-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن 2-نويابىر مەزكۇر قانۇنغا ئىمزا قويۇپ، «يادرو سىنىقىنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەش شەرتنامىسى»نىڭ تەستىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. ئالاقىدار ھۆججەتلەر رۇسىيە قانۇن ئۇچۇر تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ قانۇن رەسمىي ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدىكەن.
رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق سارىيى بۇ ھەقتە چۈشەندۈرۈش خاراكتېرلىك ماتېرىيال ئېلان قىلىپ، «رۇسىيەنىڭ قانۇن تۈزۈپ (يادرو سىنىقىنى ئومۇميۈزلۈك مەنئى قىلىش شەرتنامىسى) نى تەستىقلاشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى يادرو ھەربىي كونترول ساھەسىدىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مەجبۇرىيىتى ۋە باراۋەرلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ» دەپ تەكىتلىگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ئاخبارات باياناتچىسى پىسكوف ئىلگىرى «يادرو سىنىقىنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەش شەرتنامىسى»نى تەستىقلاشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش رۇسىيەنىڭ يادرو سىنىقى قىلىشىدىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، رۇسىيە ئالىي پالاتاسى 25-ئۆكتەبىر «يادرو سىنىقىنى ئومۇميۈزلۈك مەنئى قىلىش شەرتنامىسى»نىڭ تەستىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدىكى قانۇن لايىھەسىنى ئىمزالىغان. بۇنىڭدىن ئىلگىرى رۇسىيە پارلامېنتى بۇ قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىغان. «يادرو سىنىقىنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەش شەرتنامىسى» 1996-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا ماقۇللانغان ۋە شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى ئىمزالانغان. رۇسىيە 2000-يىلى بۇ شەرتنامىنى تەستىقلىغان بولۇپ، نۆۋەتتە مەزكۇر شەرتنامىدىن رەسمىي چېكىنىپ چىققان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ