خىتاي رېجىمى بانكىرلارنى يوقىتىشنى باشلىدى

خىتايدىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى سودا بانكىلىرىنىڭ بىرى بولغان خىتاي سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ خۇڭلىغا چىرىكلىك جىنايىتى بىلەن تەكشۈرۈش باشلاندى.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ 6-نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتايدىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى سودا بانكىلىرىنىڭ بىرى بولغان خىتاي سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ (ICBC)  سابىق مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ خۇڭلىغا چىرىكلىك گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈش باشلانغان بولۇپ، خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ باياناتىدا، جاڭ خۇڭلىنىڭ «قانۇن ۋە پارتىيە ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش» گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

باياناتتا بۇ ئەيىبلەشلەر توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلمىگەن بولۇپ، ئەمما بۇ خىل تەكشۈرۈشتە، «قانۇنسىز قىلمىش» ۋە «پارتىيە ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىش» ئىپادىلىرى ئادەتتە چىرىكلىك گۇمانىنى ياكى ئەيىبلەشنى كۆرسىتىدىكەن.

خەلقئارالىق سودا تەجرىبىسى بار دىرېكتور دەپ ئاتالغان 58 ياشلىق جاڭ خۇڭلى خىتاي سودا-سانائەت بانكىسىدىن بۇرۇن ئامېرىكا تېخنىكا شىركىتى ھېۋلېت پاكارد، ئەنگلىيە شرودېرس، ئامېرىكىلىق گولدمان ساچىس ۋە گېرمانىيە بانكىسىدا ئىشلىگەن.

2010-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا خىتاي سودا-سانائەت بانكىسىدا ئىشلىگەن جاڭ خۇڭلى 2021-يىلىدىن باشلاپ خىتاينىڭ پۇل-مۇئامىلە ساھەسىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان چىرىكلىك تەكشۈرۈشىدىكى ئەڭ ئاخىرقى يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىغا ئايلانغان.

بۇ يىل جېشاڭ بانكىسىنىڭ سابىق مۇدىرىيەت رەئىسى شىن رىنكاڭغا 7-فېۋرال، خىتاي بانكىسىنىڭ سابىق رەئىسى ليۇ ليەنگېغا 31-مارت، مىنشېڭ بانكىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى شىڭ بېنشيۇغا 13-ماي چىرىكلىك تەكشۈرۈشى باشلانغانىدى.

ئاتالمىش «چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى» خىتاي رېجىمى رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئون يىللىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ مەزگىلدە ئون نەچچە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار چىرىكلىك تەكشۈرۈشى سەۋەبىدىن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان. شى جىنپىڭ خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى ئېچىلىش نۇتقىدا قىلغان سۆزىدە، سودا دۇنياسى بىلەن مۇناسىۋىتى بار پارتىيە كادىرلىرىنىڭ قاتتىق جازاغا ئۇچرايدىغانلىقى ۋە چىرىكلىك تەكشۈرۈشىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىدىن سىگنال بەرگەنىدى.

كۆزەتكۈچىلەر شى جىنپىڭ ھەرقانچە چىرىكلىككە قارشى شوئار توۋلىغان ۋە بىر قىسىملارنى جازالىغان بولسىمۇ، چىرىكلىك ۋە پارىخورلۇق خىتاينىڭ ئەڭ يۇقىرى قاتلىمىدىن ئەڭ تۆۋەن قاتلىمىغىچە كەڭ ئومۇملاشقان بىر ھادىسە ئىكەنلىكىنىڭ ھەممىگە ئايان بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا شى جىنپىڭنىڭ بۇ باھانە بىلەن ئۆزىگە خەۋپ دەپ قارىغان كىشىلەرنى جازالاپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 1556 قېتىم كۆرۈلدى
07/11/2023 16:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق