خىتاي پاراخوتلىرى ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە يەنە تاجاۋۇز قىلدى

خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت پاراخوتلىرى ھەپتە ئاخىرىدا شەرقىي دېڭىزدىكى تالاش-تارتىشتىكى سېنكاكۇ تاقىم ئارىلى ئەتراپىدىكى ياپونىيەنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىردى.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئوكىناۋا ئۆلكىسىنىڭ ناخا رايونىدىكى 11-رايون دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت مەركىزىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت پاراخوتلىرى ياپونىيەنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن. ياپونىيە دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى 4-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن مىنامى-كوجىما رايونىغا كىرگەن ۋە ئۇ يەردىكى ياپون بېلىقچىلىق پاراخوتلىرىغا يېقىنلاشقان خىتاي پاراخوتلىرىغا ئاگاھلاندۇرغان. قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش ۋە ئالدىنى ئېلىش ھەرىكەتلىرىدىن كېيىن خىتاي پاراخوتلىرى 5-نويابىر چۈشتىن كېيىن رايوندىن ئايرىلغان.

ياپونىيە تەرەپ خىتاي پاراخوتلىرىنىڭ رايوندا تەخمىنەن 39 سائەت تۇرغانلىقىنى، بۇ تۈردىكى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش ھەرىكەتلىرى بۇ يىل 30-قېتىم يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ياپونىيە «سىنكاكۇ»، خىتاي «دىياۋيۈ» دەپ ئاتايدىغان تاقىم ئارىلى خىتاينىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغىقى ۋە ياپونىيەنىڭ غەربىي جەنۇب دېڭىز قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ، بەش ئارال ۋە ئۈچ تاشتىن تەركىب تاپقان ئادەمسىز رايون ياپونىيەنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولۇپ، خىتاي بۇ رايوندا ئۇزۇندىن بۇيان ئىگىلىك ھوقۇقى تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 1502 قېتىم كۆرۈلدى
07/11/2023 16:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق