ئۆكتەبىر ئېيىدا چەت ئەل ئېھتىياجىنىڭ ناچارلىشىشىغا ئەگىشىپ، خىتاينىڭ ئېكسپورتى مۆلچەردىكىدىن كۆپ تۆۋەنلىگەن بولۇپ، ئىمپورتنىڭ ئويلىمىغان يەردىن ئېشىپ كېتىشى خىتاينىڭ سودا ئاكتىپ بالانىسىنىڭ 17 ئايدىن بۇيانقى ئەڭ ناچار سەۋىيەگە چۈشۈپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
مەبلەغ سېلىش تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاموژنا باش ئىدارىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ سودا قالدۇقى مۆلچەردىكىدىن كۆپ تۆۋەنلەپ، كۈتۈلگەن 81 مىليارد 950 مىليون دوللار مۆلچەرگە يېتەلمەستىن، 56 مىليارد 530 مىليون دوللارغا چۈشۈپ قالغان بولۇپ، ئالدىنقى ئايدا كۆرۈلگەن 77 مىليارد 710 مىليون دوللارلىق سەۋىيەدىن شىددەت بىلەن تۆۋەنلىگەن.
نۆۋەتتىكى سودا ئاكتىپ بالانىسى ئەينى ۋاقىتتا خىتاينىڭ ئىقتىسادىي پائالىيىتى خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك توختاپ قېلىش دەرىجىسىگە كەلگەن 2022-يىلىدىكى ماي ئېيىدىن بۇيانقى ئەڭ ناچار ھالەت بولغان.
ئۆكتەبىردە خىتاينىڭ ئېكسپورتى يىللىق ھېسابتا %6.4 تۆۋەنلەپ، %5.4 لىك تۆۋەنلەش مۆلچەرىدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكى %6.2 لىك تۆۋەنلەشتىن تېزلەشكەن. بۇ تۆۋەنلەش خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ سودا نۇقتىسى بولغان ياۋروپا ۋە ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي شارائىتىنىڭ ناچارلىشىشىدىن بولغان دېيىلگەن بولسىمۇ، ئەمما كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى سەۋەبلىك نۇرغۇن جازاغا ئۇچراۋاتقانلىقى، بەزى شىركەتلەرنىڭ بۇ سەۋەبلىك خىتاي شىركەتلىرى بىلەن بولغان توختاملارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى، يەنە بەزىلىرىنىڭ خىتاي بازىرىدىن چېكىنىپ چىقىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭمۇ خىتايغا ئاز بولمىغان تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر