خىتاي قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش باھانىسىدا خىتايلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى كەڭ تەشۋىق قىلماقتا

خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇش، ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى تېخىمۇ كۈچەپ ئىجرا قىلىش ئۈچۈن، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش نىزامى»نى كۆپلەپ تەشۋىق قىلماقتا.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورى 5-نويابىر ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش نىزامى»نى قايتىدىن ئېلان قىلغان بولۇپ، مەزكۇر نىزام 2022-يىل 5-ئاينىڭ 27-كۈنى ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 33-يىغىنىدا ئۆزگەرتىلىپ ماقۇللانغانىدى.

ئاتالمىش «نىزام»دا ئېيتىلغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەر 18 ياشقا توشمىغانلارنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، 2009-يىل 9-ئاينىڭ 25-كۈنى ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 14-يىغىنىدا ماقۇللانغان نىزامغا ئاساسەن ئۆزگەرتىلگەن.

خىتاي مەزكۇر «نىزام»نى شەرقىي تۈركىستاندا يىللاردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھەرخىل خىتايلاشتۇرۇش، ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ ئىشقا ئاشۇرۇش، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇش ئۈچۈن يولغا قويغان بولۇپ، مەزكۇر ئاتالمىش «نىزام» نىڭ 4- 5- ۋە 38-ماددىلىرىدا تۆۋەندىكىدەك مەزمۇنلار ئورۇن ئالغان:

«4-ماددا ھۆكۈمەت، جەمئىيەت، مەكتەپ ۋە ئائىلە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە غايە-ئېتىقاد، ئىدىيە-ئەخلاق، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت، قانۇنچىلىق، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ۋەتەننى سۆيۈش، خەلقنى سۆيۈش، سوتسىيالىزمنى سۆيۈشتەك ئومۇمىي ئەخلاقنى يېتىلدۈرۈپ، ئۇلارنى ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاڭلىق قوغدايدىغان، كاپىتالىزم، فېئودالىزم ۋە باشقا چىرىك ئىدىيەنىڭ چىرىتىشىگە تاقابىل تۇرىدىغان، تېررورىزم، ئەسەبىيلىك، بۆلگۈنچىلىكنىڭ سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان قىلىشى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشكە، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا يېتەكلىشى كېرەك.

 5-ماددا، ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى دىنىي پائالىيەتكە قاتنىشىشقا ئازدۇرۇشىغا، مەجبۇرلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. دىندىن پايدىلىنىپ مەجبۇرىي مائارىپقا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھەرىكەتلەرنى قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

 38-ماددا، كىتاب، گېزىت-ژۇرنال، كىنو-تېلېۋىزىيە پىروگراممىسى، ئۈن-سىن بويۇمى، ئېلېكتىرونلۇق نەشر بۇيۇمى قاتارلىق مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىدا تېررورلۇق، ئەسەبىيلىك، بۆلگۈنچىلىك قاتارلىقلار تەرغىب قىلىنغان مەزمۇنلار بولماسلىقى كېرەك».

خىتاي ئاتالمىش «نىزام» نىڭ ئاخىرىدا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئامانلىق باشقۇرۇشىغا خىلاپلىق قىلغانلارغا ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدىغانلىقى، جىنايەت شەكىللەندۈرگۈچىلەرنى جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىدىغانلىقى ھەققىدە ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىن بېرى مىليونلىغان ئۇيغۇرنى تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن تۈرمە ۋە لاگېرلارغا سولىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى زىيانكەشلىك قىلىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى، سانسىزلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىز-دېرىكى بولمىغانلىقىنى، ئىككىنچى قەدەمدە شەرقىي تۈركىستاندىكى ياش-ئۆسمۈرلەرنى نىشانلاپ، مېڭە يۇيۇش ئارقىلىق ئۇلارنى پۈتۈنلەي خىتاي قىلىپ چىقىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2637 قېتىم كۆرۈلدى
07/11/2023 15:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق