ئامېرىكىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ قويۇلۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى پاش قىلىنغان ھۆججەتلىك فىلىم «شاۋقۇن-سۈرەن» نىڭ قويۇلۇش مۇراسىمى ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى تەسۋىرلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىم «شاۋقۇن-سۈرەن»نىڭ ئامېرىكىدىكى تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمى 5-نويابىر ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن.

خەۋەردە قىلىنىشىچە، مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىمنى ئىشلەشكە بەش يىل ۋاقىت كەتكەن بولۇپ، يەتتە دۆلەتتە سۈرەتكە ئېلىنغان. بۇ ھۆججەتلىك فىلىمدە باش پېرسوناژ جەۋھەر ئىلھامنىڭ دادىسى ئىلھام توختىنى خىتاي تۈرمىسىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن قىلغان ھەرىكەتلىرى، شۇنداقلا بىر نەچچە ئۇيغۇرنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىدىن قېچىپ، چەت ئەلگە چىققانلىقى، ئۆزى ۋە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ لاگېردىكى ئېچىنىشلىق كەچۈرمىشلىرى بايان قىلىنغان.

فىلىمدە باش پېرسوناژ جەۋھەر ئىلھام خەلقئارا جەمئىيەتكە دادىسى ئىلھام توختىنىڭ 2014-يىلى ئاتالمىش «بۆلگۈنچى» دېگەن باھانە بىلەن خىتاي رېجىمى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىش جەريانىنى تونۇشتۇرغان بولسا، ئون نەچچە ئۇيغۇرنىڭ گۇۋاھلىق سۆزلىرى ئارقىلىق بۇنداق ئېچىنىشلىق ۋەقەلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زور كۆپ سانلىق ئۇيغۇر ئائىلىسىدە يۈز بەرگەنلىكى ھەمدە يۈز بېرىۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان خەلقنى ۋەھشىي باستۇرۇۋاتقانلىقى چۈشەندۈرۈلگەن.

«شاۋقۇن-سۈرەن» فىلىمىنىڭ نامى بىر خىتاي ئەمەلدارىنىڭ 2017-يىلى قىلغان «شىنجاڭدىكى بارلىق شاۋقۇن-سۈرەننى يوقىتىش كېرەك» دېگەن سۆزىدىن ئېلىنغان بولۇپ، كۆرۈرمەنلەرگە ئەمەلدارنىڭ مەزكۇر بايانى ئارقىلىق، ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرگە بولغان ئۆچمەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ قارشىلىق ساداسىنى يوقىتىش رەزىل مەقسىتىنى ئېچىپ تاشلاش نىشان قىلىنغان.

فىلىمنىڭ رېژىسسورى داۋىد نوۋاك ئامېرىكىلىق يەھۇدىي بولۇپ، ئۇنىڭ ئائىلىسى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ياۋروپادىكى چوڭ قىرغىنچىلىقنى باشتىن كەچۈرگەن. جازا لاگېرلىرى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك سەۋەبلىك، ئۇنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ باشقا ئائىلە ئەزالىرى بىلەن مۇناسىۋىتى ئۈزۈلگەن. رېژىسسور بۈگۈنكى كۈندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى يەھۇدىيلارنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغان بولۇپ، بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنى ئىشلەش ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتتە بۇنداق ئېچىنىشلىق ئەھۋالنىڭ قايتا يۈز بەرمەسلىكىنى ئەسكەرتمەكچى بولغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1295 قېتىم كۆرۈلدى
07/11/2023 15:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق