خىتاينىڭ چەت ئەلگە قاراتقان يالغان تەشۋىقات ھەرىكىتى جەنۇبىي تىنچ ئوكيان ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادا كۈنسېرى كېڭەيمەكتە.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 4-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى يېقىندا جەنۇبىي تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەتلىرى بىلەن ئاخبارات ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كۆزەتكۈچىلەر بۇ ھەرىكەتنىڭ خىتاينىڭ رايون تاراتقۇلىرىغا بولغان تەسىرىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىغا قارىتا قوللىنىلغان تەدبىر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خىتاي نۆۋەتتە قاتتىق، يۇمشاق ۋاسىتىلەرنى تەڭ قوللىنىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، جەنۇبىي تىنچ ئوكياندا بۇ توغرىلىق تېخىمۇ ئاكتىپ دوكلاتلارنى ئوتتۇرىغا قويغان.
خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىدىكى ئاخبارات، تاراتقۇلارغا بولغان تەسىرىمۇ كۈنسېرى كۈچەيگەن بولۇپ، بۇ جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئالدىنقى ئاينىڭ ئاخىرىدا فىجى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا خىتاينى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا زىيانكەشلىك قىلىشنى توختىتىشقا چاقىرغان بىرلەشمە باياناتقا ئىمزا قويغان بولۇپ، ۋەقەدىن بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنى قوللاش مەيدانىدىن يېنىۋالغانىدى. فىجىنىڭ بۇ مەيدانى خىتاينىڭ رايوندىكى تەسىرىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنىڭ دەلىلى دەپ قارالغان.
فىجى ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەپتە ئېلان قىلغان باياناتىدا فىجىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئىنتايىن قەدىرلەيدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق سىياسىتىگە ئاساسەن، فىجىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاش مەيدانىنى قايتۇرۇۋالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بىلدۈرۈلۈشىچە، فىجىنىڭ ھەرىكىتىدىكى ئۆزگىرىش خىتاينىڭ تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەتلەرگە بولغان تەسىرىنى تېخىمۇ كېڭەيتىۋېتىدىكەن.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي رېجىمىنىڭ جەنۇبىي تىنچ ئوكياندىكى تەسىرى سىياسەت ۋە ئىقتىساد گەۋدىلىنىپلا قالماستىن، بەلكى يېقىندىن بۇيان يەرلىك تاراتقۇلارغىمۇ كېڭىيىشكە باشلىغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ