ئامېرىكىنىڭ مەسلىھەتچىلىك شىركىتى گالۇپ خىتايدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى ئېلان قىلدى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 4-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ گالۇپ مەسلىھەتچىلىك شىركىتى خىتايدىكى تىجارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغان. مەركىزى ۋاشىنگتونغا جايلاشقان بۇ شىركەت خېرىدارلىرىغا بېيجىڭ، شاڭخەي ۋە شېنجېندىكى ئىشخانىلىرىنى تاقايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، نۆۋەتتە گالۇپ شىركىتىنىڭ يەرلىكتىن قوبۇل قىلىنغان خىزمەتچىلىرىنى ساقلاپ قېلىش-قالماسلىقى ئېنىق ئەمەس ئىكەن. بۇ شىركەت باشقا كارخانىلارنىڭ بازاردىكى سېتىش مۇلازىمەت ئىشلىرىنى تەتقىقات ۋە ئانالىز مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ كەلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، گالۇپ شىركىتى 1993-يىلى خىتايدا تىجارەت باشلىغان بولۇپ، بېيجىڭ، شاڭخەي ۋە شېنجېندا ئىش بېجىرىش ئورنى بار ئىكەن.
شىركەت مەسئۇللىرى رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خىتايدىن چېكىنىشىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىغا دەرھال جاۋاب قايتۇرمىغان. يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاي رېجىمىنىڭ چەت ئەل شىركەتلىرىگە نازارەتنى كۈچەيتىشى ۋە تۈرلۈك چەكلىمىلەرنى كۆپەيتىشى زور تۈركۈمدىكى چەت ئەل شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىن چېكىنىپ چىقىشىغا سەۋەب بولماقتا.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ