بېرمانىڭ شىمالىدىكى توقۇنۇش خىتاي چېگراسىغا يامرىدى

بېرمانىڭ شىمالىدىكى ئۇرۇش خىتاي چېگراسىغا يامرىغان بولۇپ، خىتاي بېرمىنى چېگرا مۇقىملىقىنى قوغداشتا خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشقا چاقىردى.

تەيۋەن رادىيوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بېرمانىڭ ھەربىي ھۆكۈمەت كۈچلىرى بىلەن قوزغىلاڭچىلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش كەسكىنلەشكەن بولۇپ، بېرما بىلەن خىتاينىڭ چېگرا رايونىمۇ تەۋرىنىشكە باشلىغان. خىتاي ئەمەلدارى بۈگۈن بېرمانىڭ خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق چېگراسىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بېرما ئارمىيەسى ئالدىنقى ھەپتە ئاپتونومىيە ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت قوراللىق كۈچلىرى ئىتتىپاقى بېرما ھۆكۈمەت نىشانلىرىغا ماس قەدەملىك ھۇجۇم قوزغىغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نۇڭ رۇڭ بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ: «خىتاي بېرما تەرەپتىن خىتاي بىلەن بېرما چېگراسىنىڭ مۇقىملىقىنى، خىتاي چېگراسىدىكى ئاھالىلەرنىڭ مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ئۈنۈملۈك قوغداشنى، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، خىتاي خادىملىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلىدۇ» دېگەن. نۆۋەتتە بېرما ھۆكۈمىتىدىن خىتاينىڭ تەلىپىگە قارىتا بىرەر جاۋاب كەلمىگەن.

«ئاسىيا ۋاقىت گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېرما ئارمىيەسى 4-نويابىر ئاتقان زەمبىرەك نىشاندىن قېيىپ كېتىپ، خىتاي چېگراسى ئىچىگە چۈشكەن. ۋەقەدە بىر خىتاي ئۆلۈپ، بىر قانچە خىتاي يارىلانغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1410 قېتىم كۆرۈلدى
06/11/2023 15:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق