فىلىپپىندا ئالتە خىتاي گۆرۈگە ئېلىندى

فىلىپپىن پايتەختى مانىلادا 30-ئۆكتەبىر ئالتە خىتاي تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى بولمىغان.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 2-نويابىر خەۋەر  قىلىشىچە، فىلىپپىن ساقچىلىرى بۇ ھەپتە فىلىپپىندا تۇتقۇن قىلىنغان ئالتە خىتاينىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىۋاتقان بولۇپ، ساقچى ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، دۈشەنبە كۈنى مانىلانىڭ جەنۇبىدىكى بىر ئاۋات رايوندا توققۇز ئادەم تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، بۇلار ئىچىدىكى ئالتىسىنىڭ خىتاي ئىكەن ۋە ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى بولمىغان. تۇتقۇن قىلىنغان ئۈچ كىشى ۋەقەدىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن بولۇپ، قويۇپ بېرىلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ فىلىپپىن پۇقراسى ئىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ساقچىلار ھازىرغىچە ئۇلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىنىڭ سەۋەبى ۋە تۇتقۇن قىلغۇچىلارنىڭ مۇددىئاسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن بولۇپ، تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ كىملىكى ياكى ئۇلارنىڭ فىلىپپىندىكى ئەھۋالى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر يوق ئىكەن.

ساقچىلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تۇتقۇندىن قۇتۇلۇپ قالغانلارنىڭ بىرى تۇتقۇن قىلىنىش ئەھۋالىنى بايان قىلىپ، 30-ئۆكتەبىر تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن ئۇلارنىڭ ئۆيىگە نامەلۇم كىشىلەر بۆسۈپ كىرىپ، ھەممە كىشىنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ئېيتقان.

خىتاي تاشقى ئىسلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 2-نويابىر ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، خىتاينىڭ فىلىپپىندىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ بۇ ئەھۋالنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى، فىلىپپىن تەرەپنىڭ تەدبىر قوللىنىپ، فىلىپپىندىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈكلىرىنى تولۇق قوغداشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2427 قېتىم كۆرۈلدى
04/11/2023 14:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق