ما شىڭرۈي بىلەن ئەركىن تۇنىياز يەنە بىر تۈركۈم ئاتالمىش «دىنىي زاتلار» بىلەن كۆرۈشتى

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي، قورچاق رەئىس ئەركىن تۇنىياز 1-نويابىر ئۈرۈمچىدە شەرقىي تۈركىستانغا زىيارەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان غەربىي ئاسىيا ۋە شىمالىي ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ دىنىي ساھەسىدىكىلەر ۋە تاراتقۇ ۋەكىللىرىدىن تەشكىللەنگەن ئۆمەك بىلەن كۆرۈشتى.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ما شىڭرۈي: «مىللەتلەر مەسىلىسىنى توغرا ھەل قىلىپ، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردۇق. دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا يېتەكلەپ، كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈردۇق» دەپ بىلجىرلاش بىلەن بىرگە، تۈرلۈك قارار ۋە قانۇنلارنى ماقۇللاش ئارقىلىق خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش، لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە سولاپ ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش جىنايىتىنى خەلقئاراغا پاش قىلغان ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنى ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى: «مىللەت، دىن، كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق مەسىلىلەردىن پايدىلىنىپ، خىتاينىڭ تەرەققىياتىنى توسۇش سۇيىقەستىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولدى» دەپ ئەيىبلىگەن. 

زىيارەت داۋامىدا ئالجىرىيە دىنىي ئىشلار مىنىستىرلىقى ھەمكارلىق ۋە تاشقى مۇناسىۋەتلەر مەسئۇلى سايەب، كۇۋەيت ئوتتۇرا يول ئىدىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇللا قاتارلىقلار خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتىغا ماس ھالدا: «زوراۋانلىق، تېررورىزم مىللەت ۋە دىن بىلەن مۇناسىۋەتسىز، ئۇ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق دۈشمىنى» دەپ بىلجىرلاشقان. شۇنداقلا بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش، دىن، تاراتقۇ قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىناقلىق، مۇقىملىق، گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىشقان.

مەزكۇر ئۆمەك سۇرىيە، ئىيوردانىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بەھرەين، ئالجىرىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىراق، ئومان، پەلەستىن، قاتار، كۇۋەيت، لىۋان، مىسىر، ماراكەش قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، ئۇلار بىلەن قورچاق ئەمەلدارلاردىن ئىلزات ئەخمەتجان، ئابدۇرەقىپ تۆمۈرنىياز ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى ئالاقىدار ئەمەلدارلارمۇ كۆرۈشكەن.

خىتاي رېجىمى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىسلام دىنى ۋە ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مۇسۇلمانلارنى يوقىتىش ۋە قىرغىن قىلىش ئۈچۈن، مۇناسىۋەتلىك ئاتالمىش يېڭى قانۇنلارنى تۈزۈپ چىقىپ مەجبۇرىي ئىجرا قىلىپ كەلمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىسلام دۇنياسىدىن ھەرخىل ناملار بىلەن ئۆمەك تەشكىللەپ، شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلدۇرۇپ، خەلقنىڭ دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىنىڭ پۈتۈنلەي قوغدالغانلىقىنى، دىنىي ئەركىنلىكنىڭ تولۇق كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تاشقى دۇنياغا جار سالسا، ئىچكى تەشۋىقاتتا ئاتالمىش «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش»، «دىننى سوتسىيالىزمغا بويسۇندۇرۇش» دېگەندەك سەپسەتىلەر بىلەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى داۋاملىق ئىجرا قىلماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3742 قېتىم كۆرۈلدى
04/11/2023 14:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق