دوكلات: فىرانسىيەگە ئەڭ چوڭ تەھدىت رۇسىيە، خىتاي ۋە تۈركىيەدىن كېلىدۇ

فىرانسىيە ئىستىخبارات كومىتېتىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، چەت ئەلنىڭ فرانسىيىگە ئارىلىشىش دەرىجىسى يۇقىرى سەۋىيەدە ئىكەن.

ياۋروپا خەۋەرلىرى تورىنىڭ 2-نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، فىرانسىيە پارلامېنتى ئىستىخبارات كومىتېتى دوكلات ئېلان قىلىپ، رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن بىرلىكتە تۈركىيەنىڭ دۆلەت زېمىنىغا ئەڭ كۆپ ئارىلىشىۋالغان دۆلەتلەر ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويغان.

دوكلاتتا ئامېرىكىدىكى چەت ئەل جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىگە قارشى يولغا قويۇلغان قانۇنلار تىلغا ئېلىنغان ۋە فىرانسىيەدىن قانۇن-تۈزۈمگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلغان.

يىللىق دوكلاتتا سانلىق مەلۇمات ھېسابلاشنى ئاساس قىلغان كۆزىتىش پائالىيەتلىرىگە ئەھمىيەت بېرىش ۋە زۆرۈر تېپىلغاندا، نىشانلىق چەت ئەل تەھدىت ئۇنسۇرلىرىنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى توڭلىتىش قاتارلىق ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىش تەلەپ قىلىنغان.

دوكلاتتا چەت ئەللەرنىڭ فىرانسىيەگە ئارىلىشىشىنىڭ ئۆزگىرىشچان، ھەممىلا جايدا تېپىلىدىغان ۋە مەڭگۈلۈك تەھدىتكە ئايلانغانلىقى ئاگاھلاندۇرۇلۇپ، بولۇپمۇ رۇسىيە، خىتاي قاتارلىق تور كۈچى ئىشلىتىدىغان دۆلەتلەرنىڭ كونترول قىلىش ھەرىكىتىگە باشچىلىق قىلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

مەزكۇر دوكلاتتا يەنە، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ فىرانسىيەدىكى تۈرك مۇھاجىرلىرىنى كونترول قىلىشقا ۋە ئۇلار ئارقىلىق دۈشمەن دەپ قارايدىغان ئەرمەنلەر ۋە كۇردلارغا قارشى ھوقۇقىنى ئىشلىتىشكە مايىل ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

دوكلاتتا تۈركىيەنىڭ فىرانسىيەدىكى دىنىي سورۇنلارنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش ۋە ئىلگىرى رۇخسەت قىلىنغان فىرانسىيەدىكى مەسچىتلەرگە ئىماملارنى تەيىنلەش قاتارلىق ئىشلارنىڭ تۈركىيەنىڭ فىرانسىيىدە ئىسلام دىنىغا تەسىر كۆرسىتىشىگە پۇرسەت ياراتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

دوكلاتتا خەلقئارا سەھنىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلىپ، فىرانسىيەنىڭ چەت ئەل ئارىلىشىش تەھدىتىگە يۇقىرى سەۋىيەدە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى باھالانغان ۋە ئامېرىكىدىكى قانۇنلارنى ئۈلگە قىلغان ئاساستا، زۆرۈر بولغان قانۇنى ئۆزگەرتىشلەرنى تەلەپ قىلغان.

دوكلاتتا ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى ئىچىدىمۇ بۇ مەسىلىدە ئورتاق كۈرەش قىلىش تەلەپ قىلىندى ۋە چەت ئەل كۈچلىرىنىڭ ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن جىددىي قانۇن ماقۇللىنىشى تەلەپ قىلىنغان.

دوكلاتتا يەنە «ساختا خەۋەرلەرنىڭ تارقىلىشى غەربكە قارشى ئۇرۇشتىكى مۇھىم قورال» دەپ قارالغان بولۇپ، فىرانسىيەنىڭ «بۈگۈنكى رۇسىيە» قانىلى ۋە سىپاتنىكنى تاقىۋەتكەنلىكىنىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇچۇر ئۇرۇشى دائىرىسىنى تارايتقانلىقى تەكىتلەنگەن.

ئىستىخبارات دوكلاتىنىڭ ئاخىرىدا، دۆلەت ئىچىدىكى سىياسىيونلار، يۇقىرى دەرىجىلىك مەمۇرلار، شىركەت ۋەكىللىرى ۋە ئاكادېمىكلار چەت ئەلنىڭ ئارىلىشىش خەۋپىنى يېتەرلىك چۈشەنمىگەنلىكى ئۈچۈن «ساددا» دەپ ئەيىبلەنگەن.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 2272 قېتىم كۆرۈلدى
04/11/2023 13:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق