خىتاي ئارمىيەسىگە تەۋە بىر ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا كانادا ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلانىنىڭ ئالدىغا قارىتىپ ئىشارەت ئوقى چىقارغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ 3-نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، كانادا خان جەمەتى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ HMCS ئوتتوۋا قوغدىغۇچى پاراخوتىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مايور روب مىلېن CNNگە بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە: «بۇ ۋەقەدىكى خەتەرلىك نۇقتا ئىشارەت ئوقىنىڭ موتور قانىتىغا ياكى موتورغا قاراپ ئېتىلىشىدۇر. شۇڭلاشقا بۇ خەتەرلىك ۋە كەسپىي ئەخلاققا زىت» دېگەن.
مىلېن خىتاي ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە J-11 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلاننىڭ ئىلگىرى كانادا تىك ئۇچار ئايروپىلانى بىلەن روبىرو بولغانلىقىنى، باشقا دۆلەتلەر ئارمىيەسىنىڭمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ۋەقەلەرنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى كۆرسەتكەن.
مىلېن يەنە خىتاي ئايروپىلانى يېقىنلاشقاندا مەزكۇر تىك ئۇچارنى ئۆزىنىڭ ھەيدەۋاتقانلىقىنى، دېڭىز يۈزىدىن تەخمىنەن 3000 فۇت ئېگىزلىكتە ئۇچقانلىقىنى ۋە بۇنىڭدا دۈشمەنلىك مەقسىتى يوقلىقىنى تىلغا ئالغان.
ئۇ خىتاي ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ تىك ئۇچارغا ئەتراپىدا قايتا-قايتا ئايلىنىپ يېقىنلاشقانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇ سەۋەبتىن تىك ئۇچارنىڭ داۋالغۇشقا كىرىپ خەتەرلىك پەيتلەرنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى بايان قىلغان.
مىلېن ھەربىي تىك ئۇچارنىڭ ئالدى تەرىپىگە ئىشارەت ئوقى ئېتىشنى «كەسپىي بولمىغان ھەرىكەت» دەپ تەسۋىرلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ تىك ئۇچارنى 200 فۇتقىچە تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق خىتاي ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ خەتەرلىك ھەرىكەتلىرىدىن قۇتۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بولسا بۈگۈن ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئۆزىنىڭ بۇ ۋەقە توغرىسىدا «ھېچقانداق مەلۇماتى يوقلىقى»نى بىلدۈرۈپ خۇپسەنلىك قىلغان بولسىمۇ، كانادا ئايروپىلانلىرىنىڭ خىتاينىڭ ھاۋا بوشلۇقىغا يېقىن جايدا رازۋېدكا قىلىش ئۇچۇشىدىكى مەيدانىنى كۆپ قېتىم يەتكۈزگەنلىكىنى تەكىتلەپ، كانادانىڭ نامۇۋاپىق ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىپ، ۋەزىيەتنىڭ مۇرەككەپلىشىپ كەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان.
خىتاي تۈنۈگۈن يەنە ئامېرىكا ۋە كانادا دېڭىز ئارمىيەسىگە تەۋە ئىككى ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتۈشىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر