كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەنلەر پىلانىدا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بولۇشى ئۇيغۇرلارنى سۆيۈندۈردى

كانادا ھۆكۈمىتى 2024-يىلىدىن 2026-يىلىغىچە بولغان كۆچمەن قوبۇل قىلىش پىلانىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، پىلان ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بارلىقى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى سۆيۈندۈردى.

1-نويابىر كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئورگان تورىدا كۆچمەنلەر ئىشلىرى مىنىستىرى مارك مىللېر كانادانىڭ 2024-يىلىدىن 2026-يىلىغىچە بولغان «يېڭى كۆچمەنلەر قاتلىمى پىلانى» نى ئېلان قىلغان بولۇپ، مەزكۇر يېڭى پىلانغا ئۇيغۇرلارمۇ كىرگۈزۈلگەن.

كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانىدا 2024-يىلى 485 مىڭ، 2025-يىلى 500 مىڭ، 2026-يىلى 500 مىڭ يېڭى كۆچمەن قوبۇل قىلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، مەزكۇر پىلاننىڭ ئىزاھاتىدا ئۇيغۇرلار كاناداغا يېڭىدىن قوبۇل قىلىنىدىغان كۆچمەنلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.

بۇ يىل 1-فېۋرال كانادا پارلامېنتىدا خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىن قېچىپ، باشقا دۆلەتتە ياشاۋاتقان خەتەر ئاستىدىكى 10 مىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرنى كاناداغا ئورۇنلاشتۇرۇش قارار لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلغانىدى ۋە باش مىنىستىر جاستىن تىرۇدو، كابىنېت مىنىستىرلىرى ۋە بارلىق پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قوللاپ ئاۋاز بېرىشى نەتىجىسىدە، نۆلگە قارشى 322 ئاۋاز بىلەن قارار لايىھەسى رەسمىي ماقۇللانغانىدى.

خىتاي كانادانىڭ مەزكۇر پىلانىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، كانادا پارلامېنتى 10 مىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرنى كاناداغا ئورۇنلاشتۇرۇش قارار لايىھەسىنى تەستىقلاپ ئىككى كۈندىن كېيىن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ماۋ نىڭ مۇخبىرلارنىڭ ئالاقىدار سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، ھەر دائىم تەكرارلاپ كېلىۋاتقان يالغان-ياۋىداق سۆزلىرىنى تەكرارلاپ: «نۆۋەتتە شىنجاڭدىكى خەلق تىنچ ۋە خاتىرجەملىك ئىچىدە ياشاپ خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. ھەر مىللەت خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش مەسىلىسى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا. بىز كانادا تەرەپنىڭ شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە ئاممىنى ئازدۇرۇشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىمىز» دەپ بىلجىرلىغانىدى.

نۆۋەتتە خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ھەرخىل ۋاسىتىلەر بىلەن پاراكەندە قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. جۈملىدىن ھەرقايسى دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا تېلېفون قىلىش، ئۇچۇر يوللاش ئارقىلىق بىئارام قىلماقتا ۋە ئۇچۇرلارغا جاۋاب بەرمىگەن ئۇيغۇرلارغا ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى جازالاش ھەققىدە تەھدىت سالماقتا. ھەتتا بەزى ئۇيغۇرلارنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىلتاققا چۈشۈرۈپ، خىتايغا خىزمەت قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2183 قېتىم كۆرۈلدى
04/11/2023 11:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق