قازاقىستان پايتەختى ئاستانىدە چاقىرىلغان تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ 10-نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىدا، خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرۇلۇق پىكىر ئالماشتۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىب ئەردوغان پۈتكۈل تۈرك دۇنياسىنىڭ تىنچلىقى، گۈللىنىشى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.