ياپونىيەدە ئېچىلغان «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى» غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى

«خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى دۇنيا پارلامېنتلار كېڭىشى» 29-ئۆكتەبىر ياپونىيەنىڭ توكيودا باشلىنىپ، 31-ئۆكتەبىر ئاخىرلاشتى.

مۇنبەرنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەشكىللىگەن بولۇپ، 25 دۆلەتتىن كەلگەن مۇتەخەسسىس، پارلامېنت ئەزالىرى بولۇپ، 200 دىن ئارتۇق كىشى ئىشتىراك قىلغان.

مۇنبەرگە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇرېشىت ئەمىنھاجى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ تاشقى ئىشلار مەسئۇلى ئۇستاز ئابدۇسالام ئالىم تەكلىپ بىلەن ئىشتىراك قىلغان.

مۇنبەردە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايى  قىلمىشى مۇزاكىرە قىلىنغان بولۇپ، ئۇندىن باشقا شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان خوڭكوڭ، تەيۋەن بوغۇزىدىكى جىددىيلىكلەر شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستانغا قوشنا بولغان ئەللەرنىڭ تەدرىجىي ھالدا خىتاينىڭ يوشۇرۇن تەھدىتىگە دۇچ كېلىش ئەھۋاللىرى مۇھاكىمە قىلىنغان.  

يىغىننىڭ ئاخىرقى قىسمىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرى، د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا، ياپونىيە پارلامېنتى «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى»نىڭ رەئىسى كېئىجى فۇرۇيا  ، «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى دوكتور ئادرېئان زېنز قاتارلىقلار تاراتقۇلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن.

يىغىن ئاخىرىدا «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى» نامىدىن بىرلەشمە خىتابنامە ئېلان قىلىنغان. خىتابنامىدە خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، ھەرخىل ۋاسىتىلەر بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداپ، جىنايەتلىرىدىن تېنىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى، نۆۋەتتە ئاۋۋال خىتاينىڭ ئالدامچىلىق ھەرىكىتىگە قارشى تۇرۇپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى توختىتىشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەنگەن. 

خىتابنامىنىڭ ئاخىرىدا خىتاي چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش ھەرىكىتىنى باشلاپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى ھەر جەھەتتىن ۋەيران قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىگە ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىش كېرەكلىكى، ياپونىيەنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىدە ئېنىق پوزىتسىيەدە بولۇشى كېرەكلىكى، خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان موڭغۇللار، تىبەتلەر، ئۇيغۇرلار ھەمكارلىشىپ، خىتايغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇش كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2197 قېتىم كۆرۈلدى
03/11/2023 14:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق