ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىدا خىتاي بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ قولى بارلىقى ئاشكارىلاندى

ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلاش سىياسىتىنىڭ ئارقىسىدا خىتاينىڭ خەلق ئىشلىرى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ بارلىقى ئاشكارىلاندى.

 

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندا مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا قوشۇلۇپ ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كېتىشىنى مەقسەت قىلغان سىياسەتلەرنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇۋاتقان بولۇپ، 2014-يىلى 21-ئاۋغۇست چەرچەن ناھىيەلىك پارتكوم چىقارغان «مىللىيلار بىلەن خىتايلار تويلاشقان ئائىلىلەرنى مۇكاپاتلاش تەدبىرلىرى» ناملىق ھۆججەت شى جىنپىڭنىڭ بۇ خىل سىياسەتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا جىددىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغانلىقىدىن سىگنال بەرگەنىدى.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرى داۋام قىلىۋاتقان، ئۇيغۇر ئەرلىرىنى ئاساس قىلغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە جازا لاگېرلىرىغا قاماش ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقان مۇشۇنداق بىر مەزگىلدە، خىتاي رېجىمىنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرى بىلەن خىتايلارنىڭ تويلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تەدبىرلىرى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلمەكتە. بۇ توغرۇلۇق ئاشكارا چاقىرىق قىلىدىغان ئېلان ۋە تەشۋىقاتلار، ھەتتا خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى خوتۇنلۇققا ئېلىش ئارزۇسىنى ھاياسىزلارچە ئىپادە قىلىشلىرى، «چىرايلىق ئۇيغۇر قىزلىرىنى خوتۇنلۇققا ئالغانلىقى»نى كۆز-كۆز قىلىۋاتقان بىر قىسىم خىتايلارنىڭ بەتبەشىرە قىلىقلىرى خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدىمۇ كەڭ ئورۇن ئالماقتا ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق سەسكەندۈرمەكتە.

 

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى مۇخبىرى گۈلچېھرە خانىمنىڭ ئىز قوغلاپ ئىشلىگەن خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۇ نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئاتالمىش «شىنجاڭ لايىقىم مەدەنىيەت چەكلىك شىركىتى» قىزىق لىنىيەسىگە تېلېفون قىلغان بولۇپ، تېلېفوننى ئالغان مۇلازىم بۇ شىركەتنىڭ «بىخەتەرلىك ئىدارىسى» (خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى) ھەمدە «ئۈرۈمچى خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى»نىڭ مەخسۇس رىغبەتلەندۈرۈپ قوللىشى ئاستىدا مۇلازىمەت باشلىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

ئىلگىرى خىتاي رېجىمىنىڭ دىۋىزىيە ۋە باشقا ئورۇنلاردا بۇ خىل كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىركەتلەرنى قۇرۇۋاتقانلىقى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۇ خىلدىكى تەشۋىقاتلارنى قىلىۋاتقانلىقى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى خىتايلارنى «ئۇيغۇر قىزلىرى بىلەن توي قىلىش» ۋە شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈپ كېلىپ، «پايدىلىق سىياسەتلەردىن بەھرىمەن بولۇش»نى تەشۋىق قىلىش مەزمۇنىدىكى سىنلاردىن ئاشكارىلانغانىدى.

خىتايچە تورلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايلارغا ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت قىزلىرىدىن لايىق ئىزدەشنى تىجارەت كەسپى قىلىۋالغان بۇنداق شىركەتلەر نۆۋەتتە ھەممە شەھەرلەردە كۆپلەپ قۇرۇلماقتىكەن. ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە نىسبەتەن بۇ يات ۋە ئەخلاقسىز ھادىسىگە قارىتا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قايتۇرغان ئىنكاسلىرىدا قەيت قىلىنىشىچە، ئەمدىلىكتە ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ياتلىق بولۇشقا تەشۋىق قىلىدىغان، شۇنداقلا خىتايلاردىن لايىق ئىزدەيدىغان كەسپىي مۇلازىمەت ئورۇنلىرى ۋە تور سۇپىلىرى قۇرۇلۇشقا باشلىغان. يەنە بەزى ئىنكاسلاردا ئېيتىلىشىچە، بۇ يۈزلىنىش خىتاي رېجىمىنىڭ ئۇيغۇرلارنى بىر مىليارد تۆت يۈز مىليون نوپۇسقا ئىگە ئادەم دېڭىزىدا نوپۇس، مەدەنىيەت ۋە باشقا جەھەتتىن ئېرىتىپ يوقىتىش سىياسەتلىرىنى زور قەدەمدە نورماللاشتۇرۇشقا باشلىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

خىتايچە تور ئارخىپلىرىدىن ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ئاتالمىش «شىنجاڭ لايىقىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى»نىڭ قانۇنىي ۋەكىلى مۇتەللىپ مۇھەممەت ئىسىملىك بىر ماڭقۇرتلاشقان ئۇيغۇر بولۇپ، بۇ شىركەت 2019-يىلى 12-ئايدا قۇرۇلغان ۋە شۇ ۋاقىتتا رويخەتكە ئېلىنغان مەبلىغىنىڭ بەش مىليون يۈەن ئىكەنلىكى ئېيتىلغان. مەزكۇر شىركەت لايىق تونۇشتۇرۇش مۇلازىمىتىدىن باشقا يەنە يىغىن ۋە كۆرگەزمە مۇلازىمىتى، فوتوگراف ۋە سىن ئىشلەش، ئېلانچىلىق، يۇمشاق دېتال قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى قىلىدىكەن.

 

بۇ شىركەت ئىشلەپ تارقاتقان «لايىقىم» يۇمشاق دېتالى بولسا، مەخسۇس ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئەرلەرگە تونۇشتۇرۇش يۇمشاق دېتالى سۈپىتىدە، دوۋيىن (تىك توك)، ۋېيبو قاتارلىق خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا ئۇچرىشىش ۋە لايىق ئىزدەش سۇپىسىغا ئايلانغان بولۇپ، نۆۋەتتە «لايىقىم» سۇپىسىنىڭ خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن تىزىملاتقان ئەزاسى 1 مىليون 202 مىڭغا يېتىدىكەن.

مۇخبىر مەزكۇر لايىق تونۇشتۇرۇش شىركىتىنىڭ خىتاي دۆلەت ئاپپاراتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە يەنىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ئىشلار ئىدارىسى نىكاھ ئىشلىرى بۆلۈمى بىلەن ئالاقىلاشقان بولسىمۇ، تېلېفوننى ئالغان خىتاي خادىم «لايىقىم» نامىدىكى لايىق تونۇشتۇرۇش شىركىتىنىڭ خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشقۇرۇشى ياكى قوللىشى ئاستىدا ئىش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلغان.

ئارقىدىن ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىگە تېلېفون قىلىپ، ھەرخىل سوئال سورىغان بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا سوئالدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا تىرىشقان ۋە ئاخىرىدا «ئۇنداقتا خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى ياكى دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ قوللىشى نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ مەبلەغ بىلەن تەمىنلەشنىمۇ؟» دەپ سورالغاندا بولسا، خىتاي خادىم: «بۇلارغا مەن جاۋاب بېرەلمەيمەن» دەپلا سۆزىنى ئۈزگەن.

خىتايچە مەنبەلەردىن مەلۇم بولغان ھەقىقەتلەرنىڭ بىرى شۇكى، شەرقىي تۈركىستان ئىشغال قىلىنغان 70 نەچچە يىلدىن بۇيان خىتايدىكى باشقا مىللەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلار بىلەن توي قىلىش نىسبىتى ئىزچىل %1 كىمۇ يەتمەيدىغان ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەدە بولۇپ كەلگەن. لېكىن خىتاينىڭ مەخسۇس سىياسەتلىرى تۈرتكىسىدە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ تويلىشىش نىسبىتىدە قانچىلىك ئېشىش كۆرۈلگەنلىكىگە ئائىت ئېنىق سانلىق مەلۇمات يوق. ئەمما ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خىتايغا تەگكەن ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ توي مۇراسىملىرىغا ئائىت ۋىدىيولارنىڭ كۆپەيگەنلىكى بۇ خىل بىنورماللىقنىڭ بارغانچە نورماللىققا قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىمەكتە.

ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان تۇڭگان ئانالىزچى ما جۈ ئەپەندى بۇ ھەقتىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ: «كۆرۈۋاتقان بۇ ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى كونترول قىلىش ۋە تۇغۇلۇش نىسبىتىنى كېمەيتىش تەدبىرى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش قاتارلىق بىر بىرىگە باغلىنىشلىق بولغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ بىر پارچىسى. بۇنداق دېيىشىمىزگە ئۇلارنىڭ بۇ لايىق تونۇشتۇرۇش تەشۋىقاتىنىڭ ئۆزىلا كۇپايە. ئۇنىڭدا پەقەتلا ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىپ بېرىپ خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا ئۈندەيدۇ. ئۇيغۇر يىگىتلەر تىلغا ئېلىنمايدۇ، بۇ مەنتىقىسىزلىقنىڭ ئۆزىلا ئىسپات ئەمەسمۇ؟ بىز ئۇنىڭ ئالدىدا خىتاي رېجىمىنىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ ماڭغان كۆرۈنۈشلىرىنى كۆردۇق. خىتاي ئەرلىرىنى ئۇيغۇر قىزلىرىغا قىزىقتۇرۇپ نوپۇس يۆتكەۋاتقانلىقىغا دائىر تېخىمۇ يىرگىنچلىك ئەھۋاللارغىمۇ شاھىت بولدۇق. بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاي رېجىمىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن بولۇۋاتقان نوپۇس قىرغىنچىلىقى. بۇلار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئېلان قىلغان دۆلەت تېررورلۇقى بولۇپ، ئوخشاشلا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئەمما ئۇلار ئاتالمىش سودا شىركەتلىرى ۋە ياكى تىجارەت خاراكتېرىنى ئالغان ئاتالمىش لايىق تونۇشتۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ ۋاسىتىلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ جىنايەتلىرىنى يوشۇرماقتا. ب د ت دا خىتاي ئۆزىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك جىنايىتىنى يوشۇرۇشتىمۇ ئوخشاش تاكتىكىنى قوللانغانىدى» دېگەن.

ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تەتقىق قىلىۋاتقان ئالىملاردىن دوكتور ئادرىيان زېنز خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە بېرىپ خىتايلار بىلەن تويلىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈۋاتقانلىقىدىن ھەيران قالمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى خىتاي ئەرلىرى بىلەن تويلىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈشى ۋە ئۇيغۇرلارنى مىللەتلەر ئارا تويلىشىشقا مەجبۇرلاش سىياسىتى مېنىڭ 2021-يىلى ئېلان قىلغان دوكلاتىمدا تىلغا ئېلىنغان. مەن خىتاي رېجىمىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر نوپۇسىنى كونترول قىلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە مەدەنىيىتىنى بۇزۇشنى مەقسەت قىلغان، دەپ كۆرسىتىپ ئۆتكەنىدىم. خۇددى شۇنىڭدەك، بۇ ئەھۋالمۇ خىتاي رېجىمى ئىجرا قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس جەھەتتىكى ‹مۇتلەق ئۈستۈنلۈكى›نى بۇزۇپ تاشلاشتەك ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭدەك بۇنىڭ خىتاي رېجىمىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك سىستېمىلىق پىلانى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا مەن ئۇلارنىڭ بۇنى ئوچۇق-ئاشكارا ئېلىپ بېرىۋاتقىنىدىنمۇ ھەيران قالمىدىم. بولۇپمۇ شۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىز كېرەككى، بۇ ئىشلار نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ئەرلىرى لاگېرلارغا قامالغان ۋە تۈرمىلەرگە يۆتكەپ كېتىلگەن، يەنە نۇرغۇنلىرى ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن بىر مەزگىلدە يۈز بەرمەكتە. بۇ بوشلۇقنى بولسا ئۇلار خىتاي ئەرلىرى ئارقىلىق تولدۇرماقتا. بۇ خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان پىلاننىڭ بىر قىسمى» دېگەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى 2022-يىلى 11-ئايدا ئېلان قىلغان «ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مەجبۇرىي تويلاشتۇرۇلۇشى: خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللەتلەر ئارا تويلاشتۇرۇش سىياسىتى» سەرلەۋھىلىك چوڭ ھەجىملىك دوكلاتىدا خىتاي رېجىمىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى خىتاي ئەرلىرى بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلاش سىياسىتىنى دۆلەت سىياسىتى سۈپىتىدە سىستېمىلىق ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ ۋاسىتىسى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەنىدى. دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، ئەگەر خىتاي ئەرلىرى توي قىلىشنى تەلەپ قىلغان قىزلار ياكى قىزلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر توي قىلىشنى رەت قىلسا، جازا لاگېرلىرىغا كىرىدىغانلىقى توغرىسىدا تەھدىت سېلىنغان. مەزكۇر دوكلاتتا بۇ خىل سىياسەتنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتاي جەمئىيىتىگە سىڭدۈرۈۋېتىشنى مەقسەت قىلغان بىر تاكتىكا ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەنىدى.

خىتاي رېجىمى رەئىسى شى جىنپىڭ 2014-يىلى شەرقىي تۈركىستاننى تۇنجى قېتىم رەسمىي زىيارەت قىلغاندىن كېيىنلا «مىللەتلەر ئارا قوشۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش» تەدبىرلىرى رەسمىي يولغا قويۇلۇشقا باشلىغان. بولۇپمۇ 2016-يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ 18 ياشتىن 40 ياشقىچە بولغان نىكاھ يېشىدىكى ئەرلىرى ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن چوڭ تۇتقۇن ۋە لاگېر سىياسىتى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق باشلانغاندىن بۇيان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىگە مەجبۇرىي نىكاھلىنىشى ئېغىرلاۋاتقانلىقى مەلۇم.

غەرب دۇنياسىدا «ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنىڭ باش پىلانلىغۇچىسى ۋە جاۋابكارى» دەپ ئەيىبلىنىۋاتقان شى جىنپىڭ 2023-يىلى 26-ئاۋغۇستتا ئۇشتۇمتۇت ئۈرۈمچىگە كېلىپ، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» ھۆكۈمەت، پارتكوم ۋە دىۋىزىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىدىن «خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قانداق بىلجىرلاشلىرىدىن قەتئىينەزەر، پارتىيەنىڭ نۆۋەتتىكى شىنجاڭ سىياسەتلىرىنى قىلچە تەۋرەنمەستىن تولۇق ۋە قەتئىي ئىجرا قىلىش كېرەك» دەپ جار سالغانىدى.

«سىياسەتچى» تورىنىڭ 26-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان «شى جىنپىڭ شىنجاڭغا يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق قول سىياسىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكچى» ناملىق ماقالىسىدە، «شى جىنپىڭ خەلقئارانىڭ ئەيىبلىشىگە پەرۋا قىلماي، ئۇيغۇر رايونىغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرمەكچى» دەپ كۆرسىتىلگەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقان ئانتروپولوگ، ئۇيغۇرشۇناس دوكتور رۇنى ستېنبېرگ 28-ئاۋغۇست بۇ ھەقتە رادىيونىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، شى جىنپىڭ ئۈرۈمچىدە ئاچقان يىغىنىدا «شىنجاڭ بىلەن مەركەزدىكى دۆلەت ئورگانلىرى ۋە ئىچكى رايونلاردىكى كادىرلارنى قوش يۆنىلىشلىك ئالماشتۇرۇش كېرەك» دەپ كۆرسەتمە بەرگەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ۋە خىتايلارنى شەرقىي تۈركىستانغا يۆتكەشنىڭ خىتاينىڭ ھازىر شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسىتىنى قىلچە تەۋرەنمەستىن داۋام قىلىدىغانلىقنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەنىدى. ئۇ بۇ ھەقتە: «ئۇيغۇرلار ۋە قازاقلارنى يۆتكەش خىتاينىڭ ھازىرقى سىياسىتىگە ماس كېلىدۇ. يەنى ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلماقچى. نوپۇس يۆتكەش مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ بىر ئامىلى» دېگەنىدى.

بۇ خەۋەر 3920 قېتىم كۆرۈلدى
03/11/2023 14:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق