خىتاي ئاتالمىش «چەت ئەلگە چېتىشلىق» دېگەن نام بىلەن، نەچچە يۈزلىگەن مېتېئورولوگىيە تەكشۈرۈش پونكىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
خىتاي يەرشارى ۋاقىت گېزىتىنىڭ 1-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرى مېتېئورولوگىيە، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا چەت ئەلگە چېتىشلىق مېتېئورولوگىيەلىك تەكشۈرۈش مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى باشلىغان. خىتاي بۇ ھەرىكەت داۋامىدا چېگرا سىرتىدىكى مېتېئورولوگىيە ئۈسكۈنىلىرى ۋاكالەتچى شىركەتلىرىدىن 10 نەچچىنى، چەت ئەلگە چېتىشلىق مېتېئورولوگىيە پونكىتىدىن 3000 نى تەكشۈرگەنلىكىنى، تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئاتالمىش «چەت ئەلگە چېتىشلىق» دېگەن نام بىلەن نەچچە يۈز مېتېئورولوگىيەلىك تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ چېگرا سىرتىغا مېتېئورولوگىيەلىك سانلىق مەلۇماتلارنى ۋاقتىدا يەتكۈزۈۋاتقانلىقى، پۈتۈن خىتايدىكى 20 نەچچە ئۆلكىگە كەڭ كۆلەمدە تارقىلىپ، خىتاينىڭ بىخەتەرلىكىگە يوشۇرۇن خەۋپ ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايقىغانلىقىنى دەۋا قىلغان.
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاھالىلەر رايونىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان مېتېئورولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى چەت ئەلگە چېتىشلىق مېتېئورولوگىيەلىك تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنىڭ بەزى تەكشۈرۈش تۈرلىرى چېگرا سىرتىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ بىۋاسىتە ياردىمىگە ئېرىشكەن. قىسمەن كۆزىتىش نۇقتىلىرى ھەربىي ئورۇن، ھەربىي سانائەت كارخانىسى قاتارلىق سەزگۈر ئورۇنلارنىڭ ئەتراپىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكىنى تەكشۈرۈپ ۋە GPS ئورنىنى بېكىتكەن. بەزىلىرى ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ ئۆسۈشى ۋە ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارىنى تەھلىل قىلغان. بەزىلىرى ھەتتا ئۇزۇن ۋاقىت، كۆپ قېتىم، كۆپ نۇقتىدا چەت ئەل ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ مېتېئورولوگىيە ئاپپاراتلىرىغا ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا يەتكۈزگەن. ئالاقىدار ئۈسكۈنىلەرنىڭ ھەجمى كىچىك، قۇراشتۇرۇشقا قولايلىق، ئاسان بايقىغىلى بولمايدىغان بولۇپ، ئاپتوماتىك توپلىغىلى ھەمدە ۋاقتىدا توردا يەتكۈزگىلى بولىدىكەن.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنىڭ خىتاينى ئەنسىزلىككە سېلىپ قويغانلىقىنى، مۇستەبىت سىياسىتىنىڭ خەلقئارادا ئاشكارىلىنىپ قېلىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلغانلىقى سەۋەبلىك، نۇرغۇن تېخنىكا ئۈسكۈنىلىرىنى ياكى شۇ ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەتكەن خەلقىنى ئاتالمىش «چەت ئەلگە باغلانغان» دەپ باستۇرۇپ جازالاپ كەلگەنلىكىنى، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاندا خىتاينىڭ بۇ خىل جىنايىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چەكتە داۋاملىشىپ بىلدۈرۈشمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ