خىتاينىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى تەييارلاندى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى سېتىۋېلىشنى چەكلەش قانۇن لايىھەسىنى سۇنۇشقا تەييارلانغان.

ئەنگلىيە پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئامېرىكا بىلەن خىتاي كومپارتىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت كومىتېتىنىڭ ئالاھىدە خادىمى، شۇنداقلا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مايك گالاگېر ۋە دېموكراتچىلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك پارلامېنت ئەزاسى راجا كىرىشنامورسى  چارشەنبە كۈنى «ئامېرىكا بىخەتەرلىك ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى قانۇن لايىھەسى»نى سۇنىدىكەن. بۇ ئامېرىكا پارلامېنتىدىكى ئىككى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ خىتاي تېخنىكىسىنىڭ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قوللانغان ئەڭ يېڭى ھەرىكەت ھېسابلىنىدىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ قانۇن لايىھەسىنى دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مارك ۋارنېر ۋە كېڭەش پالاتاسى ئاخبارات كومىتېتىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى رىك سىكوت ئوتتۇرىغا قويغان. كېڭەش پالاتاسى بۇ تەدبىرنى كېڭەش پالاتاسىنىڭ مۇداپىئە قانۇن لايىھەسىگە كىرگۈزىدىكەن. كېڭەش پالاتاسى سۇنغان تەكلىپنىڭ نۇسخىسى چوقۇم ئاۋام پالاتاسىغا سۇنغان نۇسخىسى بىلەن ئوخشاش بولۇشى كېرەك ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، گەرچە ئاۋام پالاتاسى قانۇن لايىھەسىدە ھېچقانداق خىتاي شىركىتىنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ سودا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئىشلەپچىقارغۇچىسى DJI گۇرۇھىنى ئېنىق نىشانلىغان. خىتاينىڭ مەزكۇر شىركىتى شېنجېنغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ شىركەتنىڭ مەھسۇلاتلىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا سېتىلىدىكەن. ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا DJI ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۇچۇۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدىغان بولۇپ، فوتوگراف ۋە ساقچى ئورگانلىرى ئىشلىتىدىكەن. نۆۋەتتە DJI نىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ئامېرىكا بازىرىنىڭ %58 نى ئىگىلەيدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

 

بۇ خەۋەر 1937 قېتىم كۆرۈلدى
02/11/2023 14:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق