خىتاي بىلەن قازاقىستان ئارىسىدىكى ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈمى بۇ ئايدا باشلانماقچى

خىتاي بىلەن قازاقىستاننىڭ «ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىمى» 10-نويابىردىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدىكەن.

بېيجىڭ خەۋەرلىرى تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي بىلەن قازاقىستاننىڭ كېلىشىمگە ئاساسەن ھۆكۈمەت پاسپورتى، ئادەتتىكى پاسپورت ۋە ساياھەت خېتى بار خىتاي پۇقرالىرى، ئادەتتىكى پاسپورت ۋە دۆلەتكە قايتىش ئىسپاتى بار قازاقىستان پۇقرالىرى، شەخسىي ئىشلار، سودا پائالىيەتلىرى (سۆھبەتلىشىش، توختام ئىمزالاش، مەسلىھەت بېرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئۈچۈن ۋىزا ئالماي ساياھەت قىلالايدىكەن. مۇلازىمەت ۋە باشقا سودا، ساياھەتچىلىك، داۋالىنىش، خەلقئارا قاتناش ۋە توشۇش مەقسىتىدە قارشى تەرەپكە كىرگەن، چىققان ياكى يۈك توشۇغانلارنىڭ قارشى تەرەپتە تۇرۇش ۋاقتى كىرگەن ۋاقىتتىن باشلاپ 30 كۈندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، ئومۇمىي تۇرۇش ۋاقتى ھەر 180 كۈندە 90 كۈندىن ئېشىپ كەتمەسلىك شەرتى ئاستىدا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىنىدىكەن. يۇقىرىقى شەرتلەرگە توشمىغان كىشىلەر ۋىزا ئىلتىماس قىلىشى كېرەك ئىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، 1994-يىلى خىتاي بىلەن قازاقىستان ھۆكۈمىتى «پۇقرالارنىڭ ئۆزئارا ساياھەت قىلىش كېلىشىمى» نى ئىمزالىغان بولۇپ، ئىككى تەرەپ پۇقرالىرى ئىچىدە دىپلوماتىك ياكى خىزمەت پاسپورتى بار كىشىلەرنىڭ ۋىزا ئالماي 30 كۈن تۇرۇشى رۇخسەت قىلىنغانىدى.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە پەرقلىق مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى، يولغا قويۇلماقچى بولغان ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىمىدىن يەنىلا بىرىنچى بولۇپ خىتايلارنىڭ پايدىلىنىدىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاندىكى قازاقلار، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ يەنىلا داۋاملىق چەكلىمە ۋە كونتروللۇق ئىچىدە تۇرىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارغا پاسپورت بېجىرىشتىن باشلاپ ھەرخىل قىيىنچىلىق تۇغدۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1901 قېتىم كۆرۈلدى
02/11/2023 14:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق