خىتاي ئاسىيا ئەللىرىنى مۇستەملىكە قىلىشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىنى ئاشكارىلىدى

خىتاي رېجىمى قەشقەردە ئاتالمىش «ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا قانۇن ئىدارە قىلىش مۇنبىرى» ناملىق يىغىن تەشكىللەش ئارقىلىق، رايوننى مۇستەملىكە قىلىش غەرىزىنى ئاشكارىلىدى.

خىتاي خەۋەرلىرى تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي رېجىمى قەشقەردە ئاتالمىش «ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا قانۇن ئىدارە قىلىش مۇنبىرى» نامىدا 30-ئۆكتەبىردىن 31-ئۆكتەبىرگىچە يىغىن ئاچقان بولۇپ، مۇنبەرنى ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتى ۋە خىتاي قانۇنشۇناسلىق ئىلمىي جەمئىيىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان.

مۇنبەردە ئاساسلىق ئاتالمىش «بىر بەلباغ، بىر يولنى ئورتاق قۇرۇش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ قانۇنچىلىق كاپالىتى» باش تېما قىلىنغان. مۇنبەرگە قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان، پاكىستان، نېپال، سىرىلانكا، ھىندىستان قاتارلىق 10 دۆلەتتىن كەلگەن ۋەكىللەر قاتناشقان.

مۇنبەردە ئاتالمىش «بىر بەلباغ، بىر يول قانۇن ئىدارە قىلىش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش تەشەببۇسنامىسى» ئېلان قىلىنىپ، كۆپ تۈرلۈك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالانغان.

خىتاي قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ چېن سۆز قىلىپ، قانۇن ئىدارە قىلىش ئاتالمىش «بىر بەلباغ، بىر يول» نى ئورتاق قۇرۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئاساس ۋە كاپالەت ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغان.

ئۇ خىتاينىڭ يۇمشاق ۋاسىتىلەر بىلەن رايوندىكى دۆلەتلەرنى مۇستەملىكە قىلىش رەزىل مەقسىتىنى ئاشكارىلاپ: «سىياسەت، قائىدە، ئۆلچەملەرنى يۇمشاق شەكىلدە بىرلەشتۈرۈش، سەۋىيەنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، راۋان قائىدە يولى بەرپا قىلىپ، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش ۋە قانۇن مۇلازىمىتى ساھەسىدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىككى تەرەپلىك، كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىق تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ئىلمىي مۇنبەر، مۇھاكىمە يىغىنى، كۇرس ئېچىش قاتارلىق شەكىللەر بىلەن ئالاقە يوللىرىنى كېڭەيتىش كېرەك» دەپ بىلجىرلىغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ ئاتالمىش «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا پىلانىنىڭ رايوندىكى دۆلەتلەرنى مەنپەئەت ئارقىلىق ئىندەككە كەلتۈرۈش، ئالدام خالتىسىغا چۈشۈرۈش مەقسىتىدە يولغا قويۇلغانلىقىنى، نەچچە يىلدىن بېرى قىسمەن دۆلەتلەرنى پىلان بويىچە يەمچۈك بىلەن ئالداپ كېلىۋاتقانلىقىنى، نۆۋەتتە ئۆزىنىڭ رايوندىكى دۆلەتلەرنى مۇستەملىكە قىلىش رەزىل مەقسىتىنى ئاشكارىلاپ، ئاتالمىش «سىياسەت، قائىدە، ئۆلچەملەرنى يۇمشاق شەكىلدە بىرلەشتۈرۈش، راۋان قائىدە يولى بەرپا قىلىپ، قانۇن ئىجرا قىلىش» دېگەن سەپسەتىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقارغانلىقىنى، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيادىكى دۆلەتلەر چوقۇم خىتايدىن قاتتىق ئېھتىيات قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1922 قېتىم كۆرۈلدى
02/11/2023 13:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق