خىتاي ئاتالمىش «شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى ئومۇمىي لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتتى

خىتاي رېجىمى ئاتالمىش «شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى ئومۇمىي لايىھەسى»نى بېسىپ تارقىتىش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاندا ئىزچىل ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى خەلقئارا جەمئىيەتتىن يوشۇرۇشقا ئۇرۇندى.

ئاتالمىش لايىھەدە ئەركىن سودا سىناق رايونىنى قۇرۇشنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى چىقارغان مۇھىم تەدبىر ۋە يېڭى دەۋردە ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر ئىكەنلىكى دەۋا قىلىنغان.

ئاتالمىش لايىھەدە يەنە «ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشى جەريانىدا ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش، تۆۋەن چەك تەپەككۇرى ۋە خەۋپ-خەتەر ئېڭىنى كۈچەيتىپ، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە ئىجتىمائىي خەۋپسىزلىكنى قوغداش، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش دىۋىزىيەسى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىش، يەرلىك نىزام چىقىرىشنى كۈچەيتىش، يانداش سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش» دېگەندەك ئىبارىلەر ئورۇن ئالغان.

خىتاي رېجىمى رەئىسى شى جىنپىڭ 2013-يىلى ئاتالمىش «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن باشلاپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەرىكىتىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرگەن بولۇپ، ھەرخىل تۆھمەتلەر بىلەن مىليونلىغان خەلقنى لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە سولاپ قىرغىن قىلدى ۋە بۇ جىنايەتلىرىنى خەلقئارا جامائەتتىن يوشۇرۇش ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ شۇنچە قەتلىئام ۋە باستۇرۇشتىن كېيىن مەزكۇر لايىھەدە يەنىلا: «خەۋپ-خەتەر ئېڭىنى كۈچەيتىپ، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك» دەپ بىلجىرلىشىنىڭ ئۆزىلا، خىتاينىڭ بۇندىن كېيىنمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇشنى ھەرخىل باھانىلەر بىلەن داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنىڭ ئېنىق ئۇچۇرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2221 قېتىم كۆرۈلدى
01/11/2023 14:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق