بولىۋىيە ئىسرائىلىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەنلىكىنى جاكارلىدى

ئىسرائىلىيە غەززەگە قارىتا دەھشەتلىك ھۇجۇمنى باشلىغاندىن بۇيان تۇنجى بولۇپ بولىۋىيە ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەنلىكىنى جاكارلىغان دۆلەت بولدى. كولومبىيە بىلەن چىلى بولسا ئىسرائىلىيەدىكى باش ئەلچىلىرىنى قايتۇرۇپ كەتتى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بولىۋىيە ھۆكۈمىتى 31-ئۆكتەبىر ئىسرائىلىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزگەنلىكىنى جاكارلىغان ھەمدە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززە رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئەيىبلىگەن.

شۇنداقلا بولىۋىيە ۋاقىتلىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارىيا نېلا پرادا  بولىۋىيەنىڭ غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئۇ مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە: «بىز غەززە رايونىدىكى ھۇجۇملارنىڭ توختىتىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز» دېگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1897 قېتىم كۆرۈلدى
01/11/2023 14:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق