خىتاينىڭ شى جىنپىڭ-بايدېن ئۇچرىشىشىغا شەرت قويغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

خەلقئارالىق تاراتقۇلارنىڭ خىتاي ئاخبارات ئورگانلىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بايانلىرى ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي رېجىمى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېننىڭ تەيۋەننى قوللاشتىن ۋاز كېچىشىنى، خىتايغا قارىتىلغان تېخنىكا ئىمپورتىغا بولغان چەكلىمىنى بىكار قىلىشىنى كېلەركى ئايدىكى بايدېن بىلەن شى جىنپىڭ ئۇچرىشىشىنىڭ شەرتى قىلغان.

Breitbart تورىنىڭ 30-ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، بايدېن ئالدىنقى جۈمە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدىكى رىقابەتنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن كونترول قىلىشقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى، يەر شارى خاراكتېرلىك خىرىسلارنى بىرلىكتە ھەل قىلىش كېرەكلىكىنى مۇزاكىرە قىلغان.

خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، بايدېن بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ شى جىنپىڭغا 11-ئايدا سان-فىرانسىسكودا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق (APEC) باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دۈشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا ۋاڭ يى بىلەن بايدېننىڭ كېلەر ئايدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان سان فىرانسىسكودىكى ئۇچرىشىش ھەققىدە مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى، ئەمما شى جىنپىڭنىڭ ئۇچرىشىشقا بېرىشىغا ئېنىق بىر نەرسە دېگىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ۋاڭ يى ۋاشىنگتون سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، كېلەر ئاي خىتاي بىلەن ئامېرىكا رەھبەرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى باشلىقلار يىغىنى ھەققىدە توختىلىپ: «شى جىنپىڭ باشلىقلار يىغىنىغا بارىدىغان يول تىكەنلەر بىلەن تولۇپ كەتتى» دېگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن دۈشەنبە بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە: «ئىككى تەرەپنىڭ ئۇچرىشىشى ئۈچۈن ئورتاق تونۇشقا يۆلىنىشىگە قاراپ ھەرىكەت قىلىشى، توسالغۇلارنى يېڭىشى كېرەك» دېگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1664 قېتىم كۆرۈلدى
01/11/2023 13:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق