كانادا ھۆكۈمەت يانفونلىرىدا ئۈندىدار ئىشلىتىشنى چەكلىدى

كانادا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى يانفونلىرىغا خىتاينىڭ يۇمشاق دېتالى ئۈندىدار بىلەن رۇسىيەنىڭ ۋىرۇس تازىلاش يۇمشاق دېتالى كاسپېرسكاينى قاچىلاشنى چەكلىدى.

كانادا خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كانادا ھۆكۈمىتى دۆلەت خەزىنە ھەيئىتىنىڭ رەئىسى ئانىتا ئاناند 30-ئۆكتەبىردىن باشلاپ، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى تەمىنلىگەن بارلىق يانفونلارغا خىتاينىڭ يۇمشاق دېتالى ئۈندىدار ۋە رۇسىيەنىڭ ۋىرۇسقا قارشى يۇمشاق دېتالى كاسپېرسكاينى (Kaspersky) قاچىلاشنى چەكلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ئۇقتۇرۇشتا: «10-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن باشلاپ ھۆكۈمەت يانفونلىرىدىكى ئۈندىدار ۋە كاسپېرسكاي ئەپلىرى ئۆچۈرۈۋېتىلىدۇ. بۇ ئەپلەرنى ئىشلەتكۈچىلەر كېيىن مەزكۇر ئەپلەرنى قايتا چۈشۈرۈشكە بولمايدۇ. بۇ تەدبىر كانادا ھۆكۈمەت تورى ۋە سانلىق مەلۇماتلىرىنى قوغداش ۋە چەت ئەلدىكى شېرىكلەر بىلەن ماسلىشىش ئۈچۈن يولغا قويۇلدى» دېيىلگەن.

كانادا تېلېگراف بىخەتەرلىك تارمىقىنىڭ قارىشىچە، ئۈندىدار ۋە كاسپېرسكاي ئەپ دېتالىنىڭ سانلىق مەلۇمات توپلاش ئۇسۇللىرى ئۇلارنىڭ ئابۇنتلىرىنىڭ يانفوندىكى نۇرغۇن ئۇچۇرلارنى زىيارەت قىلىشىغا يول قويىدىكەن. شۇڭا شەخسىي مەخپىيەتلىك، ئۇچۇر ۋە تور بىخەتەرلىكىگە زور تەھدىت ئېلىپ كېلىدىكەن.

ئەمما شەخسىي يانفونلار بۇ چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغان بولۇپ، ئۇقتۇرۇشتا يەنە: «يانفونىڭىزدا ئۈندىدار ۋە كاسپېرسكاينى ئىشلىتىش-ئىشلەتمەسلىك سىزنىڭ شەخسىي تاللىشىڭىز. كانادا تېلېگراف بىخەتەرلىك مەركىزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ بىخەتەرلىك قوللانمىسى سىزنىڭ پايدىلىنىشىڭىزغا ئەرزىيدۇ» دېيىلگەن.

كانادا ھۆكۈمىتى بۇ يىل 2-ئايدا ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ خىزمەت يانفونىدا خىتاي ئەپ دېتالى تىك توكنى ئىشلىتىشنى چەكلىگەنىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1299 قېتىم كۆرۈلدى
01/11/2023 13:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق