كانادا ھۆكۈمىتى ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى تارقاتقان بارلىق يانفونلارغا خىتاينىڭ ئەپ دېتالى ئۈندىدارنى قاچىلاشنى چەكلىدى. كانادا ھۆكۈمىتى بۇ يىل 2-ئايدا ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ خىزمەت يانفونىغا تىك توك قاچىلىشىنىمۇ چەكلىگەنىدى. (كانادا خەلقئارا رادىيوسى)