ئامېرىكا فىلىپپىن ئۈچۈن خىتاي بىلەن ئۇرۇش قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

خىتاي بىلەن فىلىپپىن ئارىسىدا تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان ئارالغا يېقىن جايدا كېمە سوقۇلۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئامېرىكا فىلىپپىن ئۈچۈن خىتاي بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن بىرلەشمە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئامېرىكىنىڭ فىلىپپىن بىلەن بولغان مۇداپىئە كېلىشىمىنىڭ ئۇيۇلتاشتەك مۇستەھكەم ئىكەنلىكىنى، فىلىپپىننىڭ ئايروپىلانى، پاراخوتى ياكى قوراللىق قىسىملىرىغا قىلىنغان ھەر قانداق ھۇجۇمنىڭ ئامېرىكا بىلەن فىلىپپىن ئوتتۇرىسىدىكى مۇداپىئە كېلىشىمىنى ھەرىكەتلەندۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بايدېن خىتاي بىلەن فىلىپپىننىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى تالاش-تارتىشىنىڭ كۈچىيىپ كەتكەنلىكىنى، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ فىلىپپىن ئۈچۈن يادرو قورالغا ئىگە خىتاي بىلەن ئۇرۇش قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى، ئاسىيادىكى ئىككى دۆلەتتىن كەلگەن پاراخوتلارنىڭ تالاش-تارتىشتىكى ئارالغا يېقىنلاشقانلىقىنى ئېيتقان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، 1951-يىلدىكى ئۆزئارا مۇداپىئە شەرتنامىسىگە ئاساسەن، ئامېرىكا بىلەن فىلىپپىن بىرلىكتە تاشقى كۈچنىڭ ھۇجۇمىدىن مۇداپىئەلىنىدىكەن. «نىيۇيورك پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 22-ئۆكتەبىر ئەتىگەندە فىلىپپىننىڭ ئىككى ھەربىي پاراخوتى خىتاي پاراخوتى بىلەن سوقۇلغان بولۇپ، فىلىپپىن تەرەپ خىتاينىڭ فىلىپپىندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى مىنىستىرلىققا چاقىرتىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن.

خىتاي ئارمىيەسى جەنۇبىي قىسىم ئۇرۇش رايونىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى 30-ئۆكتەبىر نارازىلىق باياناتى ئېلان قىلىپ، فىلىپپىننىڭ 39-نومۇرلۇق قوغدىغۇچى پاراخوتى خىتاينىڭ خۇاڭيەنداۋ ئارىلىغا يېقىن دېڭىز تەۋەلىكىگە قانۇنسىز بۆسۈپ كىرگەنلىكىنى، خىتاي ئارمىيەسى جەنۇبىي قىسىم ئۇرۇش رايونى دېڭىز، ھاۋا ئەسكىرىي كۈچىنى تەشكىللەپ، نازارەت قىلىپ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش ئارقىلىق توسۇپ قالغانلىقىنى، فىلىپپىننىڭ قىلمىشى خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىق بولىدىغانلىقىنى جار سالغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1798 قېتىم كۆرۈلدى
31/10/2023 11:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق