ھىندىستان چېگرا رايونىدا خىتايغا قارشى قۇرۇلۇش تۈرىنى كۆپەيتتى

خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستان-تىبەت بىلەن ھىندىستان چېگرا بويىغا ئۇل ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتكەن بولۇپ، ھىندىستانمۇ بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتمەكتە.

ئارۇناچال كۆزەتكۈچىسى تورىنىڭ 30-ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى راجنات سىنگى خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، قىممىتى 350 مىليون دوللارغا يېتىدىغان چېگرا يولى ئورگىنى پىلان تۈرىنى تەستىقلىغان بولۇپ، بۇ راجنات سىنگىنىڭ ھىندىستان زېمىنىنى بىخەتەر قىلىش، چېگرا بويىدىكى رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋەدىسىنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى ئىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، 24-ئاۋغۇست ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى بىلەن خىتاي رېجىمى رەئىسى شى جىنپىڭ جوھاننىسبۇرگدا ئۆتكۈزۈلگەن «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنى» ھارپىسىدا، ئەمەلىي كونترول سىزىقى بويىدىكى ئەسكەرلەرنى تېزدىن چېكىندۈرۈش ۋە 2020-يىلى مايدىن باشلانغان جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىش تىرىشچانلىقىنى كۈچەيتىشكە قوشۇلغان. نۆۋەتتە ئىككى تەرەپ ئەمەلىي كونترول سىزىقى بويىغا كەڭ كۆلەمدە ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرغان. گەرچە ئىككى تەرەپ كۆپ خىل ھەربىي ۋە دىپلوماتىك سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، بىراق چېگرادىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ كېتەلمىگەن.

ئىككى ئاي يوقاپ كەتكەندىن كېيىن ۋەزىپىسىدىن ئېلىنغانلىقى ئېلان قىلىنغان خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرى لى شاڭفۇ ئاپرېل ئېيىدا يېڭى دېھلىغا قىلغان زىيارىتى جەريانىدا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى تىركىشىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، چېگرا ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

ھىندىستان تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر چېگرا بويىدىكى توقۇنۇش ھەل قىلىنمىسا، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى نورمال ھالەتكە كەلمەيدىكەن. ھىندىستان ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە قىلغان ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىغان خىتاي نۆۋەتتە تىبەت رايونىدا يېڭىدىن ھەربىي ئۇل ئەسلىھەلەرنى قۇرۇش ئارقىلىق، ھىندىستاننى ئەندىشىگە سېلىپ قويغان بولۇپ، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ نېمە دېيىشىدىن قەتئىينەزەر، ھىندىستان ھەربىي كۆزەتكۈچىلىرى: «خىتاينىڭ چېگرادا قۇرغان ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ھىندىستان تەلەپ قىلغاندەك، 2020-يىلى 4-ئايدىن بۇرۇنقى ۋەزىيەتكە كەلتۈرۈش ئارزۇسىغا خىلاپ» دەپ قارىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1540 قېتىم كۆرۈلدى
31/10/2023 11:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق