خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا ئەڭ ئېگىز ھاۋارايى ئىستانسىسى قۇردى

خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستانغا جايلاشقان قۇرۇم تېغىنىڭ ئەڭ ئېگىز چوققىسىغا ھاۋارايى ئىستانسىسى قۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 30-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تەتقىقات گۇرۇپپىسى شەرقىي تۈركىستانغا جايلاشقان قۇرۇم تېغىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن 5896 مېتىر ئېگىزلىكتە ئاپتوماتىك ھاۋارايى ئىستانسىسى قۇرغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، يېڭىدىن ھاۋارايى ئىستانسىسى قۇرۇلغان ئورۇن قۇرۇم تېغىدىكى ئەڭ ئېگىز ئورۇن بولۇپ، بۇ ئورۇن «دۇنيانىڭ ئۆگزىسى» دەپ ئاتالغان قۇرۇم تېغىنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىگە جايلاشقان. بۇ تەتقىقات گۇرۇپپىسى خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيەسى قارمىقىدىكى ئاتموسفېرا فىزىكا تەتقىقات ئورنى ۋە ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» مېتېئورولوگىيە مۇلازىمىتىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، بۇ گۇرۇپپا  مەزكۇر ھاۋارايى ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىنى تاماملاش ئۈچۈن ئۈچ ئاي ۋاقىت سەرپ قىلغان. 

تەتقىقات ئەترىتى بۇ ھەقتە توختىلىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىمۇ پەۋقۇلئاددە ھاۋارايى ھادىسىلىرى كۆپىيىپ، ئېگىزلىكنىڭ بارغانسېرى نەملىشىپ كەتكەنلىكىنى، بۇ يېڭى ھاۋارايى ئىستانسىسىنىڭ ئالىملارنى قۇرۇم تېغىنىڭ ئېگىزلىكتىكى ھاۋارايى جەريانى، كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە ئۆزگىچە ھۆل-يېغىن ئالاھىدىلىكىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن مېتېئورولوگىيەلىك سانلىق مەلۇمات بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3413 قېتىم كۆرۈلدى
31/10/2023 11:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق