خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى يىغىنى ياپونىيەدە باشلاندى

29-ئۆكتەبىر ياپونىيەدە خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى يىغىنى باشلانغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى پارلامېنت ئەزالىرىنى بىر يەرگە جەم قىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن 29-ئۆكتەبىر ياپونىيە پايتەختى توكيودىكى ئاۋام پالاتاسى بىناسىدا باشلانغان خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى يىغىنىغا ياپونىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى، جۈملىدىن ئۇيغۇر پارلامېنت ئەزاسى ئەرفىيە ئەلى، 30 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن پارلامېنت ئەزالىرى ۋە شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى.

مۇنبەرگە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ۋاكالىتەن بىرلىك باش كاتىپى ئابدۇرېشىد ئەمىنھاجى، تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئاۋسترالىيە ۋەكىلى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى مۇئاۋىن رەئىسى ئۇستاز ئابدۇسالام ئالىم ئىشتىراك قىلدى.

مەزكۇر مۇنبەردە خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى توختىتىش چارىلىرى، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدىغان بولۇپ، 31-ئۆكتەبىرگىچە داۋاملىشىدۇ.

خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى يىغىنى بۇلتۇر 9-، 10-نويابىر بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ياۋروپا پارلامېنتى بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەنىدى ۋە يىغىننىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە بىريۇسسېل خىتابنامىسى ئېلان قىلىنغانىدى.

بۇ خەۋەر 2062 قېتىم كۆرۈلدى
30/10/2023 16:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق