ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان دەھشەتلىك ھۇجۇمى 24-كۈنىگە قەدەم قويغان بولۇپ، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززە رايونىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋە زەمبىرەك بىلەن داۋاملىق ھۇجۇم قىلماقتا.
پەلەستىن خەۋەر ئاگېنتلىقى ۋافانىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيە ئايروپىلانلىرى غەززەنىڭ شىمالىدىكى بەيت لاھىيا، جەبالىيا ۋە بەيت ھانۇن قاتارلىق بىر قانچە رايوننى بومباردىمان قىلغان بولۇپ، نەتىجىدە بارلىق تور ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان.
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانى غەززەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئەننەسىر رايونى ۋە ئەلجىلا كوچىسىغا بىر قانچە قېتىم ھۇجۇم قىلغان بولسا، ئىسرائىلىيە زەمبىرەكلىرى ماغازىينىڭ شەرقىي ۋە ئوتتۇرا قىسىم رايونىنى ۋە خان يۇنۇسنىڭ شەرقىنى بومباردىمان قىلغان ۋە كۆپلىگەن پەلەستىنلىكنىڭ ئۆلۈشىنى ۋە ئونلىغان كىشىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
پەلەستىن قىزىل ھىلال جەمئىيىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 30-ئۆكتەبىر ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئەل قۇددۇس دوختۇرخانىسىنى بومباردىمان قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش تارقىتىش ئارقىلىق، خەلقنى بۇ يەردىن تارقىلىشقا بۇيرۇغان. پەلەستىن تەرەپ ئىسرائىلىيە دائىرىلىرىنىڭ سۆزىگە رەددىيە بېرىپ بايانات ئېلان قىلىپ: دوختۇرخانىدىن چىقمايدىغانلىقىنى، خەلقئارا جەمئىيەتنى دەرھال ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ خىل مەسئۇلىيەتسىز قىلمىشىغا ئارىلىشىپ، قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چاقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇرۇش باشلانغان كۈندىن 29-ئۆكتەبىر كەچكىچە 8500 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 3324 كىچىك بالا، 2062 ئايال ۋە 460 ياشانغان كىشى بار ئىكەن. ئۇندىن باشقا 7-ئۆكتەبىردىن باشلاپ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا 116 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان.
ئىسرائىلىيە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇرۇش باشلانغان كۈندىن ھازىرغىچە 1400 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىك ئۆلۈپ، 5132 كىشى يارىلانغان. شۇنداقلا يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي خادىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 239 ئىسرائىلىيەلىك ھاماسنىڭ قولىدا ئەسىردە ئىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ