ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدا قارار ماقۇللىدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى 27-ئۆكتەبىر غەززەدە ئىنسانپەرۋەرلىك ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدا قارار ماقۇللىغان بولۇپ، ئىسرائىلىيە بۇ قارارنى «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئىنسانىيەت ئۈچۈن قاراڭغۇ بىر كۈن بولدى» دەپ ئەيىبلىدى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەرەب دۆلەتلىرى ئوتتۇرىغا قويغان بۇ قارار لايىھەسى 120 دۆلەتنىڭ قوللىشى، 45 دۆلەتنىڭ ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشى، 14 دۆلەتنىڭ قارشى ئاۋاز بېرىشى بىلەن ماقۇللانغان بولۇپ، ئىسرائىلىيە بىلەن ئامېرىكا بۇنىڭغا قارشى بېلەت تاشلىغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ تەكلىپ لايىھەسىگە قارشى تۇرغان دۆلەتلەر ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەدىن باشقا ئاۋسترىيە، كىرودىيە، چېخ، ۋېنگىرىيە، پاراگۋاي، فىجى، گىۋاتېمالا، مىكرونېزىيە، مارشال تاقىم ئاراللىرى ۋە ئۇرۇگۋاينى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. قوللاپ ئاۋاز بەرگەن تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر بولسا فىرانسىيە، پورتۇگالىيە، ئىسپانىيە، شىۋېيتسارىيە، نورۋېگىيە، ئىرېلاندىيە، بېلگىيە، سىلوۋېنىيە، يېڭى زېللاندىيە، سىنگاپور ۋە باشقا دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئۇندىن باشقا خىتاي، رۇسىيە، بىرازىلىيە، جەنۇبىي ئافرىقا ۋە باشقا دۆلەتلەر قوللاپ بېلەت تاشلىغان. ئىتالىيە، ياپونىيە، گىرېتسىيە، گېرمانىيە، موناكو، گوللاندىيە، شىۋېتسىيە، ئەنگلىيە، سىلوۋاكىيە، ئاۋسترالىيە، كورېيە، ھىندىستان ۋە ئۇكرائىنا قاتارلىقلار ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەن.

ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ مەزكۇر قارارى غەززەدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك مەسىلىسىگە مەركەزلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، غەززەنى سۇ، يېمەكلىك، يېقىلغۇ ۋە توك بىلەن تەمىنلەشنى دەرھال ئىشقا ئاشۇرۇش تەلەپ قىلىنغان.

 تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1518 قېتىم كۆرۈلدى
30/10/2023 13:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق