خىتاي خوتەن شەھىرىدە بۇددا دىنى تەتقىقات مەركىزى قۇردى

خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇش پىلانى بويىچە، خوتەن شەھىرىدە ئاتالمىش «خوتەن بۇددا دىنى مەدەنىيەت تەتقىقات مەركىزى»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت مەدەنىيەت تەتقىقات ئورگىنى قۇردى.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ بىر پارچىسى بولغان خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى بويىچە، خوتەن شەھىرىدە «خوتەن ئىنستىتۇتى، كوئىنلۇن مەدەنىيەت تەتقىقات مەركىزى، خىتاي قاشتېشى مەدەنىيەت تەتقىقات مەركىزى ۋە خوتەن بۇددا دىنى مەدەنىيەت تەتقىقات مەركىزى» نامىدا بىر ئىنستىتۇت ۋە ئۈچ تەتقىقات مەركىزى قۇرغان. 

26-ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن ئېچىلىش مۇراسىمىدا: «كوئىنلۇن مەدەنىيىتى خىتاي مەدەنىيىتىدە سەل چاغلىغىلى بولمايدىغان رول ئوينايدۇ، بولۇپمۇ كوئىنلۇن رايونىدىكى خوتەننىڭ بۇ ساھەدىكى رولى ئىنتايىن مۇھىم» دەپ بىلجىرلىغان.

خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، مىليونلىغان ئۆسمۈرلەرنى ئاتالمىش ياتاقلىق مەكتەپلەردە خىتايلاشتۇرۇشتىن سىرت، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خىتاي تىل-يېزىقى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئۆگىنىشكە ۋە قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلىماقتا. شۇنداقلا ھەرخىل سەپسەتىلەر ئارقىلىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى خىتاي مەدەنىيىتىگە باغلاپ، شانلىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ خىتاي مەدەنىيىتىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرماقتا.

 تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3528 قېتىم كۆرۈلدى
30/10/2023 13:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق