2023-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى مۇھىم خەۋەر

دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى دوكتور ئەلى سەللابىي خىتاي رېجىمى رەئىسى شى جىنپىڭغا ئوچۇق خەت يېزىپ، خىتاينىڭ پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىدىكى مەيدانىنى مەدھىيەلىگەندىن كېيىن، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى بايانات ئېلان قىلىپ، قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەنىدى. دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئەرەب-ئىسلام دۇنياسى بۆلۈمى مەسئۇللىرىغا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى رەنجىتكەن باياناتىنى بارلىق رەسمىي تور بەتلىرىدىن ئۆچۈرۈۋەتكەنلىكىنى يەتكۈزدى.

بۇ خەۋەر 3248 قېتىم كۆرۈلدى
29/10/2023 13:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق