فىجى ئۇيغۇرلارنى قوللاش مەيدانىدىن چېكىنىشنى پىلانلىدى

فىجى 18-ئۆكتەبىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئەيىبلىگەن دۆلەتلەرنىڭ قاتارىدا ئورۇن ئالغان بولۇپ، دەل ئون كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنى قوللاش مەيدانىدىن چېكىنمەكچى بولغان.

ئاۋسترالىيە رادىيو شىركىتىنىڭ (ABC) بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلىتى فىجى ب د ت دىكى ئۇيغۇرلارنى قوللاش مەيدانىدىن چېكىنىپ چىقماقچى بولغان بولۇپ، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى خىتاي رېجىمىنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن قورققانلىقى ئىكەن.

فىجى ئالدىنقى ھەپتە ئۇيغۇرلارنى قوللىغان 51 دۆلەت ئىچىدە بار بولۇپ، خىتاي بىلەن رەسمىي مۇناسىۋەت ئورناتقان بىردىنبىر تىنچ ئوكيان دۆلىتى بولغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، فىجىنىڭ خىتاينى ئەيىبلەش سېپىگە قوشۇلۇشىدىن بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر ھەيران قالغان بولۇپ، ئادەتتە خىتاي بىلەن تاشقى مۇناسىۋىتى بار تىنچ ئوكياندىكى دۆلەتلەر خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى مەسىلىسىدە سۈكۈت قىلىش ياكى خىتاينى قوللاش تەرەپدارى بولۇپ كەلگەنىكەن.

ئاۋسترالىيە رادىيو شىركىتى خىتاينىڭ فىجى ھۆكۈمىتىنى خىتاينى ئەيىبلەش قارارىنى قايتۇرۇۋېلىشقا قىستىغانلىقىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، نۆۋەتتە فىجى ئەمەلدارلىرىنىڭ فىجىنى مەزكۇر تىزىملىكتىن چىقىرىۋېتىشنى تەلەپ قىلىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2607 قېتىم كۆرۈلدى
28/10/2023 14:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق