خىتاي رېجىمى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى قايتا تەكىتلىدى

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش» 25-ئۆكتەبىر ئايلىق كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئاچقان بولۇپ، يىغىندا شەرقىي تۈركىستان خەلقىغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ ئاساسلىق ۋاسىتىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىۋاتقان ئاتالمىش «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى كۈچەيتىش» دېگەن جۈملىلەر قايتا-قايتا تەكىتلەنگەن.

ئاسىيا مەركىزىي ۋاقىت گېزىتىنىڭ 26-ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر يىغىندا سۆز قىلغان سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى قورچاق ئەمەلدار نۇرلان ئەبىلمەجىن: «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى گېنىغا ۋارىسلىق قىلىش كېرەك؛ ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، خىتاي مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك» دەپ بىلجىرلىغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ يىللاردىن بۇيان بۇنىڭدەك ھەرخىل ناملار بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى مىللىي ئۆرپ-ئادىتى، ئەدەپ-ئەخلاق چۈشەنچىلىرىدىن، دىنىي ئەقىدىسىدىن يىراقلاشتۇرۇشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، بۇ سەپسەتىلەرگە باشقىچە پىكىردە بولغان ھەرقانداق سۆز-ھەرىكەتنى قاتتىق باستۇرۇپ قىرغىن قىلىپ كەلگەنلىكىنى، بۇ خىل باستۇرۇشنىڭ كۆلىمى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تېخىمۇ كېڭىيىپ يۇقىرى پەللىگە چىققانلىقىنى، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردىلا ئەمەس، بەلكى يەسلى مەكتەپلىرىگىچە يامرىغاندىن باشقا، مىليونلىغان سەبىي ئۆسمۈرنىڭ ئاتا-ئانىلىرىدىن مەجبۇرىي تارتىۋېلىنىپ، خىتاي مەدەنىيىتىگە مەجبۇرلىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 4373 قېتىم كۆرۈلدى
28/10/2023 13:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق