23-ئۆكتەبىر كانادانىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل خەلقئارا ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ «ئەخلەت ئۇچۇر» ھەرىكىتىدە بىر يۈرۈش باشقۇرۇلىدىغان تور يازمىلىرى ۋە ساختا سىنلار ئارقىلىق، باش مىنىستىر جاستىن ترۇدو قاتارلىق پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ نام-شەرىپىگە قارا سۇۋاشقا ئۇرۇنغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 27-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، كانادا ھۆكۈمىتى يالغان ئۇچۇرلارنىڭ بۇ يىل 8-ئايدا كۆپىيىشكە باشلىغانلىقىنى بايان قىلىپ، خىتاي تور قوشۇنىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېساباتى ئارقىلىق كانادا سىياسىئونلىرىغا تۆھمەت چاپلىماقچى بولغانلىقىنى ئېيتقان.
خەۋەر تارقالغان كۈننىڭ ئەتىسىلا خىتاينىڭ كانادادىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى كانادانىڭ ئەيىبلىشىنى ئاساسسىز دەپ رەت قىلغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ دوكلاتى كانادانىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ قىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، تەكشۈرۈش ئارقىلىق «ئەخلەت ئۇچۇر» دەپ ئاتالغان خىتايغا مۇناسىۋەتلىك ساختا ئۇچۇرلار ئوغرىلانغان ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابات نومۇرلىرىنى ئىشلىتىپ، كۆپلىگەن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا ساختا ئۇچۇرلارنى كۆپلەپ تەشۋىق قىلىپ، خىتاينىڭ تەشۋىقاتلىرىنى كۆپەيتىشكە ھەرىكەت قىلغان. خىتاي ئۆز تەشۋىقاتلىرىنى كۆپلەپ تارقىتىشتا پايدىلىنىۋاتقان ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئىلگىرى فېسبۇك ۋە تىۋىتتېرغا مەركەزلەشكەن بولسا، نۆۋەتتە بۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي Instagram ، YouTube، Reddit ، TikTok ۋە LinkedIn قاتارلىقلارنىمۇ كەڭ كۆلەمدە ئىشلەتمەكتىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ