قىرغىزىستاندا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلدى

قىرغىزىستاندا جالالئاباد شەھىرى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 164-يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مۇراسىمدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلدى.

جالالئاباد شەھىرىنىڭ قۇرۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن 26-ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر پائالىيەتكە قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپپاروفمۇ قاتناشقان بولۇپ، جالالئاباد شەھىرىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئىتتىپاقى جەمئىيىتى بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرغان. پائالىيەتكە جالالئابادتا ياشاۋاتقان كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشقان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2408 قېتىم كۆرۈلدى
28/10/2023 13:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق