خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كۆرۈشتى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ۋاشىنگتوندىكى ئۈچ كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىغان بولۇپ، كېيىنكى ئايدا شى جىنپىڭ بىلەن بايدېننىڭ كۆرۈشۈشىگە يول ئاچماقچى بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ۋاڭ يى 26-ئۆكتەبىر ۋاشىنگتونغا يېتىپ بارغان بولۇپ، نۆۋەتتە داۋالغۇپ تۇرغان ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە خىتاي رېجىمى رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىشىنىڭ تەييارلىقىنى قىلىشنى باشلىغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ۋاڭ يى 26-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن بىلەن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەن. ۋاڭ يى سۆزىدە ئامېرىكىنى خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىختىلاپنى تەمكىنلىك بىلەن ھەل قىلىش، خاتا ھۆكۈم چىقىرىپ قويۇشتىن ساقلىنىشقا چاقىرغان بولۇپ، بىلىنكېن ۋاڭ يىنىڭ تەلىپىگە قوشۇلىدىغانلىقىنى، ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ئىجابىي مۇزاكىرە قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ۋاڭ يى يەنە ئاقساراينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جېك سۇلىۋان بىلەن كۆرۈشكەن بولۇپ، پىرېزىدېنت جوۋ بايدېن ۋە خىتاي رېجىمى رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ كېلەر ئايدىكى سان-فىرانسىسكودا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق باشلىقلار يىغىنى ھارپىسىدا كۆرۈشۈشكە پىرىنسىپ جەھەتتىن قوشۇلغان.

ۋاڭ يىنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارەتتە بايدېن بىلەن كۆرۈشۈش-كۆرۈشمەسلىكى ئۇنىڭ بىلىنكېن ۋە جېك سۇلىۋان بىلەن بولغان سۆھبىتىنىڭ تەرەققىياتىغا باغلىق ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولۇپ، دېگەندەك، بايدىن 27-ئۆكتەبىر ۋاڭ يىنى ئاقسارايدا قوبۇل قىلغان ۋە كۆرۈشۈشتە بايدېن ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى رىقابەتنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن باشقۇرۇش ۋە ئوچۇق ئالاقە لىنىيەسىنى ساقلاش، يەر شارى خاراكتېرلىك خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى تىلغا ئالغان.

نۆۋەتتە بايدېننىڭ ۋاڭ يىنى قوبۇل قىلىشى ئۇنىڭ كېلەر ئايدا شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى، دەپ قارالماقتا.

ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ باياناتچىسى جون كىربى بايدېننىڭ ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشۈشىنى «ئىجابىي تەرەققىيات، شۇنداقلا سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ياخشى پۇرسىتى» دەپ قارىغان.

ۋاڭ يىنىڭ بۇ قېتىمقى ئامېرىكا زىيارىتىدىكى ئۇچرىشىشلاردا ئامېرىكا رەھبەرلىرىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى دەپسەندىچىلىك قىلمىشلىرىنى تىلغا ئالغان-ئالمىغانلىقى ھەققىدە تاراتقۇلاردا ھېچقانداق ئۇچۇر يوق بولۇپ، ۋاڭ يىنىڭ زىيارىتىدىن بۇرۇن «ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى»نىڭ رەئىسى مايك گاللاگېر بايدېن ھۆكۈمىتىنى خىتاي بىلەن بولغان سۆھبەتلەردە مەيلى شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولسۇن، ئىقتىسادىي زوراۋانلىق ياكى خوڭكوڭلۇقلارنى باستۇرۇش مەسىلىسى بولسۇن، كىشىلىك ھوقۇقنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشى لازىملىقىنى ھەمدە ۋاڭ يى بىلەن بولغان سۆھبەتتە بۇنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلغانىدى.

تەييارلىغۇچىلار: ئابدۇخەبەر رەجەپ، ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 1809 قېتىم كۆرۈلدى
28/10/2023 13:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق